باش بەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ

باش بەت

تۈر بېتى

ئەدەپ_ئەخلاق

  سالامغا باشقا سۆزقېتىش

خەۋەر يوللىغۇچى: ヤひyGんuR~↘BaLisI╭ خەۋەر كۆرۈلىشى: 579 يوللانغان ۋاقتى: 2013-3-10

 

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. بىركۈنى بىر قېرىندىشىمىز بىزگە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمۇتۇللاھى ۋە بەركەتەھۇ ۋەل مەغفىرەت دەپ سالام قىلغان ئىدى، ئارىمىزدىكى بىر قېرىندىشىمىز: ۋەبەركەتۇھۇ نىڭ كەينىدىكى بىدئەت، ئۇنداق سالام قىلماڭلار دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئىزدەنسەك تۈۋەندىكى ھەدىس ئۇچرىدى: ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سۆزلەپ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بىر كىشى كىلىپ؛ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېدى، رەسۇلۇللاھ سالام قايتۇرۇپ: بۇ كىشىگە ئون ياخشىلىق يېزىلدى دېدى، ئۇ كىشى ئولتۇردى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كىلىپ: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ؛ «بۇ كىشىگە 20 ياخشىلىق يېزىلدى دېدى، ئاندىن يەنە بىر كىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ؛ «بۇ كىشىگە 30 ياخشىلىق يېزىلدى دېدى، ئاندىن يەنە تۆتىنجى بىركىشى كىلىپ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ ۋە مەغفىرەتۇھۇ» دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا سالام قايتۇرۇپ؛ «بۇ كىشىگە 40 ياخشىلىق يېزىلدى، پەزىلەتلەر ئەنە شۇنداق بولىدۇ» دېدى. ئەبۇ داۋۇد توپلىغان. ساھابىلاردىن بىر ئەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى مۇسۇلمان قېرىندىشىغا ئۇچراشسا، مۇنداق دەپ سالام قىلسۇن، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ» تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ ئەمما يۇقۇردىكى ھەدىسنى ئاجىز، دەلىل قىلىشقا بولمايدۇ دېدى. بۇ ھەدىس راسلا ئاجىزمۇ؟ سالام قىلغاندا ۋەبەركەتۇھۇ نىڭ كەينىگە سۆز ئۇلاش بىدئەتمۇ؟

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

سالاملىشىشنىڭ ئىجتىمائىي رولى ئىنتايىن چوڭ. ئاللاھ تائالا بىزگە سالام قىلىش قائىدىسىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئەھكاملارنى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئېنىق بايان قىلىپ بەرگەن.

پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەر تاكى ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرمەيسىلەر، بىر -بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشمىگۈچە تولۇق ئىمان ئېيتقان بولمايسىلەر، سىلەرگە بىر-بىرىڭلارنى ياخشى كۆرۈشكە سەۋەب بولىدىغان بىر ئىشنى دەپ بېرەيمۇ؟ ئاراڭلاردا سالاملىشىشنى قانات يايدۇرۇڭلار!».([1])

قۇرئاندا ۋە ھەدىستە كۆرسىتىلگەن سالام قىلىش قائىدىسى: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياكى سالامۇن ئەلەيكۇم دىن ئىبارەت بولۇپ ئۇنىڭغا ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە يەنە ۋەبەراكاتۇھۇ قېتىلسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنى مۇكەممەل ئاشۇ شەكلىدە، بويىنى ئاتمىش گەز ئۇزۇنلۇقتا ياراتتى. ئۇنى يارىتىپ بولۇپ ئۇنىڭغا: بېرىپ ئاشۇ پەرىشتىلەرگە سالام بەرگىن ۋە ئۇلارنىڭ سالىمىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىگە قۇلاق سالغىن. بۇ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ قوللىنىدىغان سالامدۇر، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەلەيھىسسالام پەرىشتىلەرگە: ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دېدى. پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بەرگەن جاۋاب سالامىدا: ئەسسەلامۇ ئەلەيكە ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ رەھمەتۇللاھ دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويدى، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جەننەتكە ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ شەكلىدە بولۇپ كىرىدۇ. ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاقتىدىن تارتىپ تا ھازىرغا قەدەر ئادەملەر ھۆسنى-چىراي ۋە قەددى-قامەت جەھەتتىن كېمىيىپ كېلىۋاتىدۇ».([2])

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ بارلىق ھەدىسلەردە شۇنداق سالام قىلغان، ھەتتا قەبرىستاندىكى ئۆلۈكلەرگە سالام قىلغاندىمۇ: «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دارا قومىن مۇئمىنىين». دەپ سالام قىلغان.([3])

نامازدا ئەسسالامۇ ئەلەيكە ئەييۇھەننەبىي ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەراكەتۇھۇ دېيىشنى ئۆگەتكەن.([4])

دىنىمىزدا مۇئەييەنلەشكەن ھۆكۈملەر شۇكى، ئىككى مۇسۇلمان ئۇچراشقاندا بىرى يەنە بىرىگە سالام بېرىشى مۇستەھەب، سالام قىلىنغان كىشى ئۇنىڭ سالىمىغا جاۋاب قايتۇرۇشى ۋاجىبتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق كۆرسەتكەن: (بىر سالام بىلەن سالام قىلىنغىنىڭلاردا، ئۇنىڭدىن چىرايلىقراق سالام قايتۇرۇڭلار ياكى ئۇنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار!)([5])

بۇ ئايەتكە ئاساسەن بىر كىشى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالام بەرسە، ئۇنىڭغا: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھ ياكى ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى بەراكاتۇھۇ دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز، ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ دەپ سالام قىلسا، ئۇنىڭغا: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكەتۇھۇ دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز، ئاللاھ تائالانىڭ: (ئۇنىڭدىن چىرايلىقراق سالام قايتۇرۇڭلار) دېگەن بۇيرۇقى شۇنداق جاۋاب قايتۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھۇ دەپ سالام قىلسا، ئۇنىڭغا: يەنىلا ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋە بەراكەتۇھۇ دەپ جاۋاب قايتۇرىمىز. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: (ياكى ئۇنى ئەينەن قايتۇرۇڭلار!) دېگەن بۇيرۇقىنىڭ تەقەززاسىدۇر.

دىنىمىز كۆرسەتكەن سالاملىشىش ئىبارىسى يۇقىرىقىدەك بولسا، ئۇنىڭغا باشقا سۆزلەرنى قېتىپ مەسىلەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ دېگەن سالامغا ۋەمەغفىرەتۇھۇ... دېگەندەك باشقا ئىبارىلەرنى قېتىش سۈننەتكە خىلاپ بولىدۇ، چۈنكى قۇرئان كەرىمدە ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە كەلگىنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياكى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ياكى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ جاۋاب قايتۇرغاندىمۇ ئۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب قايتۇرۇش كەلمىگەن.

توغرا ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە ۋەمەغفىراتۇھۇ دېگەن ئىبارە كەلگەن، شۇنداقلا ھەر بىر زىيادە قىلىنغان سۆزگە ئون ساۋاب زىيادە بېرىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن، لېكىن بۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ سەھىھ رىۋايىتىدە: ۋەمەغفىراتۇھۇ دېگەن ئىبارە كەلمىگەنلىكى ئايدىڭلىشىدۇ.([6])

باشقا بىر ئاجىز رىۋايەتتە ۋەمەغفىراتۇھۇ دېگەن ئىبارە كەلگەن،([7])

ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان مۇئاز ئىبنى ئەنەسنىڭ بۇ رىۋايىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس سەھىھ ئىسپاتلانمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭدا ئۈچ ئىللەت بار: بىرى: ئۇ ئەبۇ مەرھۇم ئابدۇررەھىيم ئىبنى مەيمۇن قىلغان رىۋايەت بولۇپ، ئۇنىڭ رىۋايىتى ئېلىنمايدۇ. ئىككىنجىسى: راۋىيلىرى ئىچىدە سەھل ئىبنى مۇئازمۇ شۇنداق. ئۈچىنچىسى: راۋىيلىرى ئىچىدە سەئىيد ئىبنى ئەبى مەريەم رىۋايەت قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرمەي: مەن نافىئ ئىبنى زەيدتىن ئاڭلىدىم دەپ ئويلايمەن دېگەن.([8])

دېمەك ۋەمەغفىراتۇھۇ دېگەن سۆزنى قېتىپ دېيىش ھەققىدىكى ھەدىس ئاجىزدۇر.

يەنە ھەزرىتى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بەكلا ئاجىز سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋەبەراكاتۇھۇ غا ۋەمەغفىراتۇھۇ ۋەرىزۋانۇھۇ دېگەن ئىبارىلەرنى قېتىپ سالام قايتۇرغانلىقى كەلگەن.([9])

دېمەك سەھىھ ھەدىسلەردە ۋە بەراكەتۇھۇدىن باشقا ئىبارە كەلمىگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ساھابە كىراملارنىڭ ۋە بەراكەۇتھۇدىن ئارتۇق سۆزلەر بىلەن سالام قىلىشنى چەكلىگەن ياكى ئۇنى يامان كۆرگەنلىكى سەھىھ ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇنداق مەسىلىلەردە ساھابىلار ھەرگىزمۇ ئۆز رايى بىلەن سۆز قىلمايدۇ.

مەسىلەن ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماسالام ۋەبەراكەتۇھۇ بىلەن ئاياقلاشقان دېگەن.([10])

ئىمام مالىكنىڭ ۋە ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ شاگىرتى، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن ئەششەيبانى رەھمۇتۇللاھى ئەلەيھى مەزكۇر ھەدىسنى ئىمام مالىكتىن رىۋايەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ دەپ بولدى قىلسۇن، چۈنكى سۈننەتكە ئەگىشىش ئەۋزەلدۇر.([11])

ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: رەسۇلۇللاھ سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تۇتقان يولى سالامنى ۋەبەراكاتۇھۇ دا ئاخىرلاشتۇرۇشدۇر دېگەن.([12])

بۇ ئىنتايىن توغرا ئېيتىلغان سۆزدۇر، چۈنكى ئاز بولسىمۇ سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىش سۈننەتكە زىت كۆپ ئىشتىن ئەۋزەلدۇر. بىز ھەرقانچە ياخشى سۆزلەرنى توپلاپ قىلغىنىمىز بىلەن يەنىلا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن مول مەزمۇنلۇق يىغىنچاق ئىبارىلەرنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتەلمەيمىز، ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى ھەممە ياخشىلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىمام ئىبنى قاييىم رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: سالام بەركەتنى تىلغا ئېلىش بىلەن ئەڭ مۇكەممەللىشىدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ سۆز يامانلىقتىن ساقلىنىش، ياخشىلىققا ئېرىشىش ۋە بۇ ياخشىلىقنىڭ مۇقىم بولىشى، كۆپ بولىشى ۋە داۋام قىلىشى قاتارلىق بارلىق تىلەكلەرنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغاندۇر. ئۇنداق بولىدىكەن ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ مەنىسى يوق. بۇ سەۋەبتىن مەشھۇر ئەسەردە سالام بەرىكەت بىلەن ئاخىرلاشقان دەپ كەلگەندۇر.([13])

ئۇرۋە ئىبنى زۇبەيردىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر كىشى ئۇنىڭغا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ دەپ سالام قىلغاندا ئۇ: بىزگە ئارتۇق نەرسە قويۇپ قويمىدى. ھەقىقەتەن سالام ۋەبەراكاتۇھۇغا بېرىپ ئاخىرلاشقان، دېگەن.([14])

يەھيا ئىبنى سەئىيد رىۋايەت قىلىدۇكى، بىر كىشى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەراكاتۇھۇ ۋەلغادىيات ۋەررائىھات دەپ سالام قىلغاندا ئۇ بۇ سالام قىلىش ئۇسۇلىنى يامان كۆرگەندەك قىلىپ: ساڭا مىڭ بولسۇن دېگەن.([15])

دېمەك ھەزرىتى ئۇرۋە ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ ئارتۇق ئىبارە قېتىۋېلىشنى توغرا تاپمىغان ۋە يامان كۆرگەن.

(ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىلەرگە بولسۇن ئى ئەھلۇل بەيت) دېگەن ئايەتمۇ سالامنى ۋەبەراكاتۇھۇ دىن ئارتۇق قىلىشنىڭ مەكروھ بولىدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنغان. بىرقانچە ساھابە كىراملاردىن شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان.([16])

يۇقىرىقى دەلىللەر ۋەبەراكەتۇھۇ دىن ئارتۇق ئىبارىلەرنى قېتىپ سالام قىلىش ياكى قايتۇرۇشنىڭ سۈننەتكە خىلاپ، مەكروھ ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

([1]) سەھىھۇ مۇسلىم 203-ھەدىس.

([2]) سەھىھەين: بۇخارى 6227-ھەدىس. مۇسلىم: 2841-ھەدىس.

([3]) سەھىھۇ مۇسلىم 249-ھەدىس.

([4]) سەھىھەين: بۇخارى 831-ھەدىس. مۇسلىم: 402-ھەدىس.

([5]) نىسا سۈرىسى 86-ئايەت.

([6]) مۇسنەدى ئەھمەد 19962-ھەدىس. سۈنەنى ئەبى داۋۇد 5195-ھەدىس. سۈنەنى تىرمىزى 2689-ھەدىس. تىرمىزى ھەسەن، سەھىھ دېگەن. ئالبانى سەھىھ دېگەن.

([7]) مۇسنەدى ئەھمەد 19962-ھەدىس. سۈنەنى ئەبى داۋۇد 5196-ھەدىس. سۈنەنى تىرمىزى 2689-ھەدىس. ھافىز ئىبنى ھەجەر ئاجىز دېگەن. فەتھۇل بارى 11/6. ئالبانىمۇ ئاجىز دېگەن.

([8]) زادۇل مەئاد 2/418.

([9]) ئەمەلۇل يەۋمى ۋەللەيلە ئىبنۇ سۈننىي 235-ھەدىس. ھافىز ئىبنى ھەجەر: ئىبنى سۈننىي بەكلا ئاجىز سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان دېگەن. فەتھۇل بارى 11/6. ئالبانىمۇ ئاجىز دېگەن.

([10]) مۇۋەتتا 1721-ھەدىس.

([11]) مۇۋەتتا، ئىمام مۇھەممەد ئىبنى ئەلھەسەن ئەششەيبانى رىۋايىتى 914-ھەدىس.

([12]) زادۇل مەئاد 2/417.

([13]) بەدائىئۇل فەۋائىد 2/406.

([14]) شۇئەبۇل ئىيمان 6/410. 9066-نومۇر.

([15]) مۇۋەتتا 1721-ھەدىس.

([16]) رۇھۇل مەئانى 12/102.

ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر

 
  تەۋسىيە ئېلان

  سۈرەتلىك خەۋەرلەر

  بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

  ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى

  قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟؟؟؟؟

  ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

  كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

  چۈش توغرىسىدا

  نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

  مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

   دوستانە ئۇلىنىش
ئاستى
 
 

ئالاقىلىشىڭ | pakdin isalm tori asar lar sahipisi ( 新ICP备12003085号-2) |