باش بەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ

باش بەت

تۈر بېتى

قۇرئان ھەدىسلەر

  زىناخورلارنىڭ جازاسى توغرىسىدا

خەۋەر يوللىغۇچى: ヤひyGんuR~↘BaLisI╭ خەۋەر كۆرۈلىشى: 1453 يوللانغان ۋاقتى: 2013-3-10

 زىناخورلارنىڭ جازاسى
3555 - [ 1 ] ( متفق ىليھ ) ىن ۆبي ھريرە وزيد بن خالد : ۆن رجلين اختپما إلۈ رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال ۆچدھما : اقگ بيننا بكتاب اللھ وقال الژخر : اجل يا رسول اللھ فاقگ بيننا بكتاب اللھ واېۇن لي ۆن ۆتكلم قال : تكلم قال : إن ابني كان ىسيفا ىلۈ ھۇا فزنۈ بامرۆتھ فۆخبروني ۆن ىلۈ ابني الرجم فافتديت منھ بماېە شاە وبجاريە لي ڭم إني سۆلت ۆھل الىلم فۆخبروني ۆن ىلۈ ابني جلد ماېە وتغريب ىام وإنما الرجم ىلۈ امرۆتھ فقال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : ۆما والۇي نفسي بيدھ لۆقگين بينكما بكتاب اللھ ۆما غنمك وجاريتك فرد ىليك وۆما ابنك فىليھ جلد ماېە وتغريب ىام وۆما ۆنت يا ۆنيس فاغد إلۈ امرۆە ھۇا فإن اىترفت فارجمھا فاىترفت فرجمھا
ئەبۇ ھۈرەيرە، زەيىد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، ئىككى كىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا داۋالىشىپ كىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرى:بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىپ قويغىن، دېدى. يەنەبىرسىمۇ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى شۇنداق، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىپ قويغىن، مىنىڭ سۆز قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغىن دېدى. رەسۇلۇللاھ؛قېنى سۆزلە دېدى،ئۇ كىشى؛ ئوغلۇم بۇنىڭغا ئىجارىگە ئىشلەيتتى،ئاندىن ئۇ بۇكىشىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپتۇ، ئۇلار ماڭا ئوغلۇڭ رىجىم قىلىنىدۇ دەپ خەۋەر قىلدى، ئاندىن مەن 100 قوي بىلەن بىر دېدەك، چۆرە خادىمىمنى پىدىيە بېرىپ، كىيىن ئىلىم ئەھلىللىرىدىن سورسام، ئۇلار ماڭا؛ ئوغلۇڭ 100 قامچا ئۇرۇلۇپ، بىر يىل پالاندى قىلىنىدۇ. ئۇ كىشىنىڭ ئايالى رىجىم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ،دەپ خەۋەر قىلدى دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە مەن ئاراڭلاردا ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۆكۈم قىلىپ قويىمەن، 100 قوي بىلەن دېدەك،چۆرەڭ ساڭا قايتۇرۇلىدۇ، ئوغلۇڭ 100 قامچا ئۇرۇلۇپ، بىر يىل پالاندى قىلىنىدۇ. ماۋۇ كىشىنىڭ ئايالى رىجىم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئى ئەنەس! سەن بۇ ئايالنىڭ قېشىغا ئەتىگەندە بارغىن، ئەگەر ئۇ ئېتراپ قىلىپ ئىقرار قىلسا، ئۇنى رىجىم قىلىۋەتكىن،دېدى. ئۇ ئايال ئېتراپ قىلىپ، رىجىم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى، يەنى تاش - بوران قىلىندى. بۇخارى 6326 – ھەدىس، مۇسلىم 3210 – ھەدىس، كىيىنكى تۆت كىتاب، ئەھمەد 16423 – ھەدىس، بەيھەقى توپلىغان، سەھىھ.
3556 - [ 2 ] ( پچيچ ) وىن زيد بن خالد قال : سمىت النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم يۆمر فيمن زنۈ ولم يچپن جلد ماېە وتغريب ىام . رواھ البخاري
زەيد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن،مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ؛ توي قىلماي تۇرۇپ زىنا قىلغان كىشىنى 100 قامچا ئۇرۇپ، بىر يىل پالاندى قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.بۇخارى توپلىغان.
3557 - [ 3 ] ( متفق ىليھ ) وىن ىمر رگي اللھ ىنھ قال : إن اللھ بىڭ مچمدا وۆنزل ىليھ الكتاب فكان مما ۆنزل اللھ تىالۈ ژيە الرجم رجم رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم ورجمنا بىدھ والرجم في كتاب اللھ چق ىلۈ من زنۈ إۇا ۆچپن من الرجال والنساء إۇا قامت البينە ۆو كان الچبل ۆو الاىتراف
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن اللھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇنىڭغا كىتاپ نازىل قىلدى، اللھ نازىل قىلغان كىتاپنىڭ جۈملىسىدىن رىجىم ئايىتىمۇ باردۇر، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توي قىلغاندىن كىيىن زىنا قىلغانلارنى رىجىم قىلدى، ئۇنىڭدىن كىيىن بىزمۇ رىجىم قىلدۇق، اللھ نىڭ كىتابىدا، توي قىلغاندىن كىيىن زىنا قىلغان ئەر-ئاياللارنى دەلىل –ئىسپات،گۇۋاھچىلار بولسىلا،ياكى ھامىلدارلىق بىلەن ئىسپاتلانسا، ياكى ئۆزى ئىتىراپ قىلىپ ئىقرار قىلسا، رىجىم يەنى تاش-بۇران قىلىپ ئۆلتۈرۈش ھەقتۇر.بۇخارى،مۇسلىم.(بۇنىڭ ھۆكمى بار،لەبزى كۆتۇرۇلگەن)
2558 - [ 4 ] ( پچيچ ) وىن ىبادە بن الپامت ۆن النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم قال : خۇوا ىني خۇوا ىني قد جىل اللھ لھن سبيلا : البكر بالبكر جلد ماېە ووتغريب ىام والڭيب بالڭيب جلد ماېە والرجم
ئۇبادەت ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: مەندىن ئېلىڭلار، مەندىن ئېلىڭلار، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇئاياللارغا يول قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ؛ توي قىلمىغان كىشى توي قىلمىغان كىشى بىلەن زىنا قىلسا، ئۇلارنى 100 قامچا ئۇرۇپ، بىر يىل پالايمىز، توي قىلغان كىشى بىلەن توي قىلغان كىشى زىنا قىلسا، ئۇلار 100 قامچا ئۇرۇلۇپ، رىجىم قىلىنىپ، چالما – كېسەك قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئەھمەد، مۇسلىم، ئىبنى ماجە توپلىغان، بۇ سەھىھ ھەدىس سۈرە نىسانىڭ 15 – ئايىتىگە تەپسىردۇر. «ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تۆت گۇۋاھچىنى ئۆزۈڭلاردىن كەلتۈرۈڭلار، ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىپ، جىنايەتنى ئىسپاتلىسا، تاكى ئاياللىرىڭلار ۋاپات بولغانغا قەدەر ياكى ئاللاھتائالا ئۇلارغا بىرەر چىقىش يولى قىلىپ بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيگە سولاپ قويۇڭلار» مانا بۇ سەھىھ ھەدىستىكى چىقىش يولى، زىناخورلار توي قىلمىغان بولسا، 100 قامچا ئۇرۇپ، بىر يىل پالاش، توي قىلغان كىشى بولۇپ قالسا، گەرچە ئايالى، ئېرى يېنىدا بولمىسىمۇ، بىرقېتىم توي قىلغانلا بولسا،زىنا قىلسا رىجىم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.
2559 - [ 5 ] ( متفق ىليھ ) وىن ىبد اللھ بن ىمر : ۆن اليھود جاۋوا إلۈ رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم فۇكروا لھ ۆن رجلا منھم وامرۆە زنيا فقال لھم رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : ما تجدون في التوراە في شۆن الرجم ؟ قالوا : نفگچھم ويجلدون قال ىبد اللھ بن سلام : كۇبتم إن فيھا الرجم فۆتوا بالتوراە فنشروھا فوگى ۆچدھم يدھ ىلۈ ژيە الرجم فقرۆ ما قبلھا وما بىدھا فقال ىبد اللھ بن سلام : ارفى يدك فرفى فإۇا فيھا ژيە الرجم . فقالوا : پدق يا مچمد فيھا ژيە الرجم . فۆمر بھما النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فرجما . وفي روايە : قال : ارفى يدك فرفى فإۇا فيھا ژيە الرجم تلوچ فقال : يا مچمد إن فيھا ژيە الرجم ولكنا نتكاتمھ بيننا فۆمر بھما فرجما
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دەيدۇ؛ يەھۇدىيلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىلىپ؛ ئۆزلىرىدىن بىرئەر بىلەن بىر ئايالنىڭ زىنا قىلغانلىقىنى بايان قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارغا؛ سىلەر رىجىم تاش-بۇران قىلىش توغرىسىدا تەۋراتتا قانداق تاپتىڭلار؟ دېدى، ئۇلار؛ بىز زىناخورلارنىڭ يۇزىگە قارا سۇرتۇپ، ئۇلارنى سازايى قىلىپ، رەسۋا قىلىمىز، ئاندىن ئۇلار قامچىلىنىدۇ،بىز شۇنداق تاپتۇق دېدى. ئابدۇاللھ ئىبنى سالام: سىلەر يالغان سۆزلىدىڭلار، تەۋراتتا رىجىم ئايىتى باردۇر، تەۋراتنى كەلتۇرۇڭلار دېدى، ئاندىن ئۇلار تەۋراتنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ بىرسى قولىنى رىجىم ئايىتىنىڭ ئۇستىگە قۇيىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئالدى-ئارقىسىنى ئۇقۇدى، ئابدۇاللھ ئىبنى سالام:قولۇڭنى كۆتۇرگىن دېدى، ئۇ قولىنى كۆتۇرىۋىدى، ناگاھان رىجىم ئايىتى ئۇچۇق-ئاشكارا، رۇشەن كۆرۇندى، ئۇلار؛ ئى مۇھەممەد! سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ راست ئەيتتى، تەۋراتتا رىجىم ئايىتى باردۇر،لېكىن بىز ئۇنى يۇشۇرگەن ئىدۇق دېدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇئىككى زىناخورلارنى رىجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى. بۇخارى،مۇسلىم.
3560 - [ 6 ] ( متفق ىليھ ) وىن ۆبي ھريرە قال : ۆتۈ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم رجل وھو في المسجد فناداھ : يا رسول اللھ إني زنيت فۆىرگ ىنھ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فتنچۈ لشق وجھھ الۇي ۆىرگ قبلھ فقال : إني زنيت فۆىرگ ىنھ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فلما شھد ۆربى شھادات دىاھ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال : ۆبك جنون ؟ قال : لا فقال : ۆچپنت ؟ قال : نىم يا رسول اللھ قال : اۇھبوا بھ فارجموھ قال ابن شھاب : فۆخبرني من سمى جابر بن ىبد اللھ يقول : فرجمناھ بالمدينە فلما ۆۇلقتھ الچجارە ھرب چتۈ ۆدركناھ بالچرە فرجمناھ چتۈ مات وفي روايە للبخاري : ىن جابر بىد قولھ : قال : نىم فۆمر بھ فرجم بالمپلۈ فلما ۆۇلقتھ الچجارە فر فۆدرك فرجم چتۈ مات . فقال لھ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم خيرا وپلۈ ىليھ
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتە ئىدى، بىركىشى كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مەن زىنا قىلىپ سالدىم دەپ توۋلىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۇزىنى ئۆرۈپ، باشقا ياققا قارىۋالدى، ئۇكىشى يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدى تەرەپىگە ئۇتۇپ؛ مەن زىنا قىلىپ سالدىم دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يەنە يۇزىنى ئۆرۈپ، باشقا ياققا قارىۋالدى، ئۇكىشى يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدى تەرەپىگە ئۇتۇپ؛ مەن زىنا قىلىپ سالدىم دەپ، تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنى چاقىرىپ؛ سەن ساراڭ، مەجنۇنمۇ؟ دېدى، ئۇ؛ ياق،مەن ساق دېدى. رەسۇلۇللاھ؛سەن توي قىلغانمۇ؟دېدى، ئۇ؛ ھەئە توي قىلغان دېدى، رەسۇلۇللاھ؛ بۇنى ئاپىرىپ، رىجىم تاش-بۇران قىلىڭلاردېدى،جابىرمۇنداق دەيدۇ؛ بىز ئۇنى مەدىينىدە نامازگاھتىلا رىجىم قىلدۇق، تاشلار ئۇنىڭغا راسا تىگىۋىدى، ئۇ قاچتى، بىز ئۇنى بىرتاشلىق سايدا تېپىپ، يەنە رىجىم تاش-بۇران قىلدۇق، ئۇ ئۆلدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا ياخشى سۆز قىلىپ، ئۇنىڭغا جىنازا نامىزى ئۇقۇدى.بۇخارى،مۇسلىم.
3561 - [ 7 ] ( پچيچ ) وىن ابن ىباس قال : لما ۆتۈ ماىز بن مالك النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال لھ : لىلك قبلت ۆو غمزت ۆو نئرت ؟ قال : لا يا رسول اللھ قال : ۆنكتھا ؟ لا يكني قال : نىم فىند ۇلك ۆمر رجمھ . رواھ البخاري
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كەلگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛ سەن ئۇ ئايالنى سۇيۇپ سالغان ياكى سىلاپ سالغان، ياكى ئۇنىڭغا قاراپ قالغان بۇلىشىڭ مۇمكىن شۇنداقمۇ؟دېدى، ئۇ:ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! ياق، ئۇنداق ئەمەس دېدى، رەسۇلۇللاھ بۇقېتىم كىنايە قىلمايلا؛ سەن ئۇ ئايال بىلەن راستىنلا جىمائ،جىنسى مۇناسىۋەت قىلدىڭمۇ؟دېدى، ئۇ؛ ھەئە قىلدىم دىگەندە، شۇچاغدا، ئاندىن ئۇنى رىجىم قىلىشقا بۇيرىدى.بۇخارى توپلىغان.
3562 - [ 8 ] ( پچيچ ) وىن بريدە قال : جاء ماىز بن مالك إلۈ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال : يا رسول اللھ طھرني فقال : ويچك ارجى فاستغفر اللھ وتب إليھ . فقال : فرجى غير بىيد ڭم جاء فقال : يا رسول اللھ طھرني . فقال النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم مڭل ۇلك چتۈ إۇا كانت الرابىە قال لھ رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : فيم ۆطھرك ؟ قال : من الزنا قال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : ۆبھ جنون ؟ فۆخبر ۆنھ ليس بمجنون فقال : ۆشرب خمرا ؟ فقام رجل فاستنكھھ فلم يجد منھ ريچ خمر فقال : ۆزنيت ؟ قال : نىم فۆمر بھ فرجم فلبڭوا يومين ۆو ڭلاڭە ڭم جاء رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال : استغفروا لماىز بن مالك لقد تاب توبە لو قسمت بين ۆمە لوسىتھم
بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مىنى پاكلىسىلا دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛ ساڭا ۋايدۇر، سەن قايتىپ، اللھ تىن گۇناھىڭنىڭ مەغپىرىتىنى سوراپ، اللھ قا تۆۋبە قىلغىن دېدى، ئۇ قايتىپ كىتىپ، ئۇزۇن تۇرمايلا يەنە كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مىنى پاكلىسىلا دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛يەنە شۇنداق دېدى، تۆتىنجى قېتىم بولغاندا، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛مەن سىنى نىمىدىن پاكلايمەن؟دېدى، ئۇ؛ مىنى زىنادىن پاكلىسىلا دېدى، رەسۇلۇللاھ ؛ بۇ ساراڭمۇ، مەجنۇنمۇ؟دېدى، بۇ،ساراڭ ئەمەس دەپ خەۋەر قىلىنغاندا، ياكى ھاراق ئىچتىمۇ؟دېدى، بىركىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئاغزىنى پۇراپ تەكشۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ھاراقنىڭ پۇرىقىنى تاپالمىدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛سەن راستىنلا زىنا قىلدىڭمۇ؟دېدى، ئۇ؛ھەئە قىلدىم دىگەندە، ئۇنى رىجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى، ئۇلار ئىككى ئۈچ كۈن تۇرغاندىن كىيىن رەسۇلۇللاھ كىلىپ ئۇلارغا؛ سىلەر مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مەغپىرەت سوراڭلار، ئۇ شۇنداق سەمىيمى تۆۋبە قىلدىكى، ئەگەر ئۇنىڭ تۆۋبىسى ئۇممەت ئارىسىغا تەقسىم قىلىنىپ قالسا، ئەلۋەتتە كەڭرى يىتەتتى دېدى.
ڭم جاءتھ امرۆە من غامد من الۆزد فقالت : يا رسول اللھ طھرني فقال : ويچك ارجىي فاستغفري اللھ وتوبي إليھ فقالت : تريد ۆن ترددني كما رددت ماىز بن مالك : إنھا چبلۈ من الزنا فقال : ۆنت ؟ قالت : نىم قال لھا : چتۈ تگىي ما في بطنك قال : فكفلھا رجل من الۆنپار چتۈ وگىت فۆتۈ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال : قد وگىت الغامديە فقال : إۇا لا نرجمھا وندى ولدھا پغيرا ليس لھ من يرگىھ فقام رجل من الۆنپار فقال : إلي رگاىھ يا نبي اللھ قال : فرجمھا . وفي روايە : ۆنھ قال لھا : اۇھبي چتۈ تلدي فلما ولدت قال : اۇھبي فۆرگىيھ چتۈ تفطميھ فلما فطمتھ ۆتتھ بالپبي في يدھ كسرە خبز فقالت : ھۇا يا نبي اللھ قد فطمتھ وقد ۆكل الطىام فدفى الپبي إلۈ رجل من المسلمين ڭم ۆمر بھا فچفر لھا إلۈ پدرھا وۆمر الناس فرجموھا فيقبل خالد بن الوليد بچجر فرمۈ رۆسھا فتنگچ الدم ىلۈ وجھ خالد فسبھا فقال النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم : مھلا يا خالد فو الۇي نفسي بيدھ لقد تابت توبە لو تابھا پاچب مكس لغفر لھ ڭم ۆمر بھا فپلۈ ىليھا ودفنت . رواھ مسلم
ئاندىن ئەزەد قەبىلىسىدىن غامىدىيلىك بىر ئايال كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مىنى پاكلىسىلا دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛ ساڭا ۋايدۇر، سەن قايتىپ، اللھ تىن گۇناھىڭنىڭ مەغپىرىتىنى سوراپ، اللھ قا تۆۋبە قىلغىن دېدى، ئۇئايال؛ سىلى مىنى مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى قايتۇرغاندەك(تۆت قېتىم)قايتۇراي دەملا؟دېدى، -ئەمەلىيەتتە بۇئايال زىنادىن ھامىلدار ئىدى- رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛سەنمۇ زىنا قىلدىڭمۇ؟دېدى، ئۇئايال؛ ھەئە قىلدىم دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا؛قۇرسىقىڭدىكى بالاڭنى تۇغىۋالغىچە ساقلاپ تۇرغىن دېدى، ئەنسارلاردىن بىركىشى ئۇنىڭغا، ئۇ تۇغقانغاقەدەر كىپىل بۇلۇپ تۇردى، ئۇ تۇغۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇكىشى كىلىپ؛ غامىدىيلىك ئايال تۇغۇپ بولدى دېدى، رەسۇلۇللاھ ؛ شۇنداقتىمۇ ئۇنى رىجىم قىلالمايمىز، چۈنكى بىز ئۇنىڭ بالىسىنى ئىمىتكۇچىسى يوق ھالدا كىچىك قالدۇرامدۇق؟دېدى، ئەنسارلاردىن بىركىشى ئورنىدىن تۇرۇپ؛ ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى! بۇبالىنى ئىمىتكۇزۇشكە مانا مەن كىپىل دېدى، ئاندىن ئۇ ئايالنى رىجىم قىلدى. يەنەبىر خاتىردە؛ ئۇئايالغا؛ سەن بالاڭنى تۇغۇپ بولغىچە قايتىپ تۇرغىن دېدى، ئۇ ئايال تۇغۇپ بولغاندا؛ ئۇنى ئىمىتىپ، ئايرىغانغا قەدەر قايتىپ تۇرغىن دېدى، ئۇئايال بالىسىنى ئايرىپ بۇلۇپ، بالىسىنىڭ قولىغا بىر پارچە ناننى تۇتقۇزۇپ، ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ پەيغەمبىرى! مەن بۇ بالامنى ئايرىپ بولدۇم، ئۇ ئۆزى تاماق يىگىدەك بولدى دېدى، ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇكىچىك بالىنى مۇسۇلمانلاردىن بىركىشىگە بىرىپ، ئۇ ئايالنى رىجىم قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆكسىگە كەلگىچىلىك ئازگال كولاندى، ئاندىن كىشىلەرنى رىجىم قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇلار ئۇ ئايالغا تاش ئېتىپ، رىجىم تاش-بۇران قىلدى، خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر تاشنى ئېلىپ كىلىپ، ئۇ ئايالنىڭ بېشىغا ئېتىۋىدى، ئۇئايالنىڭ بېشى يېرىلىپ، خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يۇزىگە قان چاچىراپ كەتتى، ئاندىن خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىجىم قىلىنغان ئۇ ئايالنى تىللاپ ئەيىبلىگەندە،رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ئى خالىد! مۆھلەت بەر، ئالدىراپلا ئۇ ئايالنى تىللاپ ئەيىبلەپ كەتمە، جېنىم قول ئېلىكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەقىقەتەن بۇ ئايال شۇنداق بىر سەمىمىي سادىق تۆۋبە قىلدىكى، ئەگەر ئۇ تۆۋبىنى، ھەقسىز ئېلىنغان باج چىقىمنىڭ ئىگىسى، باجگىر قىلغان بولسىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىناتتى، تۆۋبىسى قوبۇل بولاتتى دىدى. ئاندىن ئۇئايالغا جىنازا نامىزى ئۇقۇشقا،ئۇنى دەپنە قىلىشقا بۇيرىدى. مۇسلىم 3208 – ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى ت، سەھىھ.
3563 - [ 9 ] ( متفق ىليھ ) وىن ۆبي ھريرە قال : سمىت النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم يقول : إۇا زنت ۆمە ۆچدكم فتبين زناھا فليجلدھا الچد ولا يڭرب ىليھا ڭم إن زنت فليجلدھا الچد ولا يڭرب ڭم إن زنت الڭالڭە فتبين زناھا فليبىھا ولو بچبل من شىر
ئەبۇ ھۈرەيرە، زەيىد ئىبنى خالىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: بىرىڭلارنىڭ دېدىكى زىنا قىلسا، زىنا قىلغانلىقى ئېنىق، ئاشكارا بولسا، ئۇنى جازالاپ قامچىلىسۇن، (يەنى قازى قامچىلىسۇن). دائىم بېشىغا قويۇپ ئەيىبلىمىسۇن، ئاندىن يەنە زىنا قىلسا، يەنە قامچىلىسۇن، ئەيىبلىمىسۇن، ئۈچىنچى قېتىم يەنە زىنا قىلسا، گەرچە چۇپۇردىن بولغان، يۇڭدىن بولغان ئارغامچىغىمۇ بولسا سېتىۋەتسۇن. ئەھمەد، بەيھەقى،بۇخارى،مۇسلىم، نەسەئى، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجەلەر توپلىغان، سەھىھ.
3564 - [ 10 ] ( پچيچ ) وىن ىلي رگي اللھ ىنھ قال : يا ۆيھا الناس ۆقيموا ىلۈ ۆرقاېكم الچد من ۆچپن منھم ومن لم يچپن فإن ۆمە لرسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم زنت فۆمرني ۆن ۆجلدھا فإۇا ھي چديڭ ىھد بنفاس فخشيت إن ۆنا جلدتھا ۆن ۆقتلھا فۇكرت ۇلك للنبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال : ۆچسنت . رواھ مسلم . وفي روايە ۆبي داود : قال : دىھا چتۈ ينقطى دمھا ڭم ۆقم ىليھا الچد وۆقيموا الچدود ىلۈ ما ملكت ۆيمانكم
ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ ئى ئىنسانلار! قۇللىرىڭلارغىمۇ -ئۇلار توي قىلغان بولسۇن ياكى توي قىلمىغان بولسۇن- ھەد جازانى تۇرغۇزۇڭلار، چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر دىدىكى زىنا قىلغان ئىدى، مىنى ئۇدىدەكنى قامچىلاشقا بۇيرىغان، ناگاھان ئۇدىدەك يېڭىدىنلا تۇغقان بۇلۇپ، نىپاسدار ئىكەن، ئەگەر ئۇنى قامچىلىسام، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قۇيىشىمدىن ئەنسىرەپ، بۇئىشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە خەۋەر قىلسام، ماڭا؛ ياخشى قىلىپسەن، ئۇنىڭ قېنى توختىغانغا قەدەر تەرىك ئىتىپ تۇرغىن، ئاندىن ئۇنىپاسلىقىدىن پاكلانغادا، قامچىلاپ جازالىغىن دېدى، سىلەر قۇللىرىڭلارغىمۇ ھەد جازانى تۇرغۇزۇڭلار.مۇسلىم،داۋ
3565 - [ 11 ] الفپل الڭاني ( پچيچ ) ىن ۆبي ھريرە قال : جاء ماىز الۆسلمي إلۈ رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال : إنھ قد زنۈ فۆىرگ ىنھ ڭم جاء من شقھ الژخر فقال : إنھ قد زنۈ فۆىرگ ىنھ ڭم جاء من شقھ الژخر فقال : يا رسول اللھ إنھ قد زنۈ فۆمر بھ في الرابىە فۆخرج إلۈ الچرە فرجم بالچجارە فلما وجد مس الچجارە فر يشتد چتۈ مر برجل مىھ لچي جمل فگربھ بھ وگربھ الناس چتۈ مات . فۇكروا ۇلك لرسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم ۆنھ فرچين وجد مس الچجارە ومس الموت فقال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : ھلا تركتموھ . رواھ الترمۇي وابن ماجھ وفي روايە : ھلا تركتموھ لىلھ ۆن يتوب اللھ ىليھ
ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مائىز ئىبنى مالىك ئەسلەمىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مەن زىنا قىلدىم دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يۇزىنى ئۆرۈپ، باشقا ياققا قارىۋالدى، ئاندىن ئۇ يەنە بىر تەرپىدىن كىلىپ،رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئۇتۇپ؛ مەن زىنا قىلىپ سالدىم دېدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭدىن يەنە يۇزىنى ئۆرۈپ، باشقا ياققا قارىۋالدى، ئاندىن ئۇ يەنە بىر تەرپىدىن كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مەن زىنا قىلىپ سالدىم دەپ، تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەندە، رەسۇلۇللاھ ئۇنى تۆتىنجى قېتىم سايلىققا ئېلىپ چىقىپ تاش بىلەن رىجىم قىلىشقا بۇيرىدى، ئۇ تاشلارنىڭ قاتتىق تەككەن ئەلىمىنى تاپقاندا، قاتتىق قاچتى، ئۇ قېچىۋېتىپ تۇگىنىڭ ئىڭەك،باش سۇڭىكىنى تۇتۇپ تۇرغان بىركىشىنىڭ يېنىدىن ئۇتۇپ قالدى، ئۇكىشى مائىزنى شۇ سۇڭەك بىلەن ئۇردى، كىشىلەرمۇ ئۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلدى. ئۇلار كىلىپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە؛ ئۇ تاشلارنىڭ قاتتىق تەككەن ئەلىمىنى،ئۆلۈمنىڭ ئەلىمىنى تاپقاندا، ئۇنىڭ قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: نېمە ئۈچۈن ئۇنى قويۇپ بەرمىدىڭلار، ئۇ تۆۋبە قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ تۆۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىدى دېدى.تىرمىزى ، ئىبنى ماجە توپلىغان سەھىھ.
3466 - [ 12 ] ( پچيچ ) وىن ابن ىباس ۆن النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم قال لماىز بن مالك : ۆچق ما بلغني ىنك ؟ قال : وما بلغك ىني ؟ قال : بلغني ۆنك قد وقىت ىلۈ جاريە ژل فلان قال : نىم فشھد ۆربى شھادات فۆمر بھ فرجم . رواھ مسلم
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا؛ ماڭا سەن توغرۇلۇق يەتكەن خەۋەر راستمۇ؟دېدى، ئۇ؛ سىلىگە مەن توغرۇلۇق قانداق خەۋەر يەتتى؟دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ماڭا سىنىڭ پالانى ئائىلىسىنىڭ قىز دىدىكى بىلەن زىنا قىلغانلىقىڭ يەتتى، دېدى. مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ؛ ھەئە شۇنداق دەپ، تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بىرىپ ئىقرار قىلغاندا، ئۇنى رىجىم قىلىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرىدى.ئاندىن ئۇ رىجىم قىلىندى. مۇسلىم توپلىغان.
3567 - [ 13 ] وىن يزيد بن نىيم ىن ۆبيھ ۆن ماىزا ۆتۈ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فۆقر ىندھ ۆربى مرات فۆمر برجمھ وقال لھزال : لو سترتھ بڭوبك كان خيرا لك قال ابن المنكدر : إن ھزالا ۆمر ماىزا ۆن يۆتي النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فيخبرھ . رواھ ۆبو داود
نۇئەيىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىلىپ، زىنا قىلغىنىغا تۆت قېتىم ئىقرارقىلىدۇ،ئاندىن ئۇ رىجىم قىلىنىشقا بۇيرۇلۇپ ، تاش-بۇران قىلىنغاندا، ئۇ ۋايجان دەپ قاچىدۇ، لېكىن، بىرسى ئۇنى تۆگىنىڭ پاچىقى بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەزال دىگەن ساھابە خەۋەر قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ نېمە ئۈچۈن ئۇنى قويۇپ بەرمىدىڭلار، ئۇ تۆۋبە قىلسا، ئاللاھ تۆۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىدى دەپ، ئى ھەززال! ئەگەر سەن ئۇ مائىزنى كىيمىڭ بىلەن يېپىپ توسىۋالغان بولساڭ،(ياكى سەن سۆز قىلماي ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپقان بولساڭ) بۇ ساڭا بەك ياخشى بولغان بولاتتى دىگەن.ئىبنى مۇنكەدىر؛ ھەززال ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغابېرىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ،خەۋەر قىلىشقا بۇيرىغان دېدى. ئەھمەد 20885 – ھەىس، مالىك 1290 – ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم توپلىغان، سەھىھ.
3568 - [ 14 ] وىن ىمرو بن شىيب ىن ۆبيھ ىن جدھ ىبد اللھ بن ىمرو بن الىاپ رگي اللھ ىنھما ۆن رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم قال : تىافوا الچدود فيما بينكم فما بلغني من چد فقد وجب . رواھ ۆبو داود والنساېي
ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئۆز ئاراڭلاردىكى ھەد، جازالارنى ئەپۇ قىلىشىڭلار، (ماڭا ئېلىپ كەلمەڭلار) ماڭا يېتىپ قالغان ھەد، جازا ۋاجىپ بولۇپ كېتىدۇ، (مەن چوقۇم جازاغا تارتىمەن) ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى، ھاكىم توپلىغان، سەھىھ. بۇ ھەدىسنى بىر كىشى يەنە بىر كىشىنى نەرسەمنى ئوغۇرلىۋالدى دەپ ئېلىپ كېلىدۇ، قولىنى كەسمەكچى بولسا، ئۇنداق قىلمىسىلا، مەن بۇنى مەخسەت قىلمىغان دىگەندە دىگەندۇر، ئەگەر ئەپۇ قىلىپ، سۆرەپ بارمىغان بولسا، قولىنى كەسمەيتتى.
3569 - [ 15 ] وىن ىاېشە ۆن النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم قال : ۆقيلوا ۇوي الھيژت ىڭراتھم إلا الچدود . رواھ ۆبو داود
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئىسىل خىسلەتلىك، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۇلارنىڭ كەمچىلىكلىرىنى، ئەيىب – نۇقسانلىرىنى ئەپۇ قىلىڭلار، لېكىن، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن جازالار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، «چۈنكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم پاتىمە ئوغۇرلۇق قىلسىمۇ قولىنى كىسەتتىم دىگەن» يۇقىرقى ھەدىسنى ئەھمەد، بۇخارى، ئەدەبتە، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، سەھىھ.
3570 - [ 16 ] ( لم تتم دراستھ ) وىنھا قالت : قال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : ادرۋا الچدود ىن المسلمين ما استطىتم فإن كان لھ مخرج فخلوا سبيلھ فإن الإمام ۆن يخطې في الىفو خير من ۆن يخطې في الىقوبە . رواھ الترمۇي وقال : قد روي ىنھا ولم يرفى وھو ۆپچ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:مۇسۇلمانلاردىن قادىر بۇلىشىڭلارچە ھەد-جازالارنى مۇداپىئە قىلىپ كەتكۇزۇڭلار، ئەگەر ئۇنىڭغا (يەنى جىنايى جاۋاپكارغا)بىرەر چىقىش يولى بولسىلا، ئۇنى ئۆزيولىغا قۇيىۋىتىڭلار، چۈنكى ئىمامنىڭ ئەپۇ قىلىشتىكى خاتالىشىشى جازالاشتىكى خاتالىشىشىدىن ياخشىراقتۇر. تىرمىزى توپلىغان.
3571 - [ 17 ] ( لم تتم دراستھ ) وىن واېل بن چجر قال : استكرھت امرۆە ىلۈ ىھد النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فدرۆ ىنھا الچد وۆقامھ ىلۈ الۇي ۆپابھا ولم يۇكر ۆنھ جىل لھا مھرا . رواھ الترمۇي
ۋائىل ئىبنى ھەجەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىسىدا، بىر ئايال زىناغا مەجبۇرلۇنۇپ(باسقۇنچۇلۇق قىلىندى) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ ئايالدىن جازانى ئەپۇقىلىپ، ئۇنىڭغا باسقۇنچۇلۇق قىلغان كىشىنى جازالىدى. ئۇئايال ئۈچۈن تويلۇق، مىھرى ھەققى قىلىپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالمىدى. تىرمىزى توپلىغان.
3572 - [ 18 ] ( پچيچ ) وىنھ : ۆن امرۆە خرجت ىلۈ ىھد النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم تريد الپلاە فتلقاھا رجل فتجللھا فقگۈ چاجتھ منھا فپاچت وانطلق ومرت ىپابە من المھاجرين فقالت : إن ۇلك الرجل فىل بي كۇا وكۇا فۆخۇوا الرجل فۆتوا بھ رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم فقال لھا : اۇھبي فقد غفر اللھ لك وقال للرجل الۇي وقى ىليھا : ارجموھ وقال : لقد تاب توبە لو تابھا ۆھل المدينە لقبل منھم . رواھ الترمۇي وۆبو داود
ۋائىل ئىبنى ھەجەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ زامانىسىدا، بىر ئايال نامازنى مەقسەت قىلىپ چىقسا، ئۇنىڭغا بىركىشى ئۇچىراپ قېلىپ، ئۇئايالنى بېسىۋېلىپ، مەجبۇرىي باسقۇنچۇلۇق قىلىپ، ھاجىتىنى ئادا قىلىۋالىدۇ، ئۇ ئايال قاتتىق ۋارقىرىسا، ئۇكىشى قېچىپ كىتىدۇ، ئۇئايال مۇھاجىرلاردىن بىر تۈكۈم جامائەتنىڭ يېنىدىن ئۇتۇپ؛ ئاۋۇ ئەركىشى ماڭا مۇنداق،مۇنداق قىلدى دەيدۇ، ئاندىن ئۇلار ئۇكىشىنى تۇتۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېلىقى ئايالغا؛ سەن ئۆيۇڭگە كەتكىن، اللھ تائالا ساڭا مەغپىرەت قىلسۇن دېدى، (يەنى مەجبۇرلانغۇچىنى جازالىمىدى)ئۇئايالغا باسقۇنچۇلۇق قىلغان كىشىنى رىجىم قىلىۋىتىڭلار دېدى، ئاندىن بۇكىشى شۇنداق سەمىيمى تۆۋبە قىلدىكى، ئەگەر مەدىينە ئەھلى شۇتۆۋبىنى قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلاردىن قۇبۇل قىلىناتتى دېدى.تىرمىزى،ئەبۇداۋاد توپلىغان سەھىھ.
3573 - [ 19 ] ( لم تتم دراستھ ) وىن جابر : ۆن رجلا زنۈ بامرۆە فۆمر بھ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فجلد الچد ڭم ۆخبر ۆنھ مچپن فۆمر بھ فرجم . رواھ ۆبو داود
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ بىركىشى بىر ئايال بىلەن زىنا قىلدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى جازالاپ قاچىلاشقا بۇيرىدى، ئاندىن ئۇكىشىنىڭ توي قىلغان كىشى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنىۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇكىشىنى رىجىم قىلىشقا بۇيرىدى. ئەبۇداۋۇد توپلىغان.
3574 - [ 20 ] ( لم تتم دراستھ ) وىن سىيد بن سىد بن ىبادە ۆن سىد بن ىبادە ۆتۈ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم برجل كان في الچي مخدج سقيم فوجد ىلۈ ۆمە من إماېھم يخبڭ بھا فقال النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم : خۇوا لھ ىڭكالا فيھ ماېە شمراخ فاگربوھ گربە . رواھ في شرچ السنە وفي روايە ابن ماجھ نچوھ
سەئدى ئىبنى سەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ سەئدى ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ،ھەي قەبىلىسىدىن يارىلىشى ناقىس، چۇلاق، قاتتىق كېسەل بىر كىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا ئېلىپ كىلىدۇ، -بۇكىشى ئۇلارنىڭ دىدەك چۆرىسى بىلەن زىنا قىلغان ئىكەن-، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: 100 تال چىۋىق تاللىرى بار چوڭ بىر شاخنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بۇكىشىنى بىرنى ئۇرۇڭلار دېدى. ئىبنى ماجە،شەرھىسسۇننى.
3575 - [ 21 ] ( چسن ) وىن ىكرمە ىن ابن ىباس قال : قال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : من وجدتموھ يىمل ىمل قوم لوط فاقتلوا الفاىل والمفىول بھ . رواھ الترمۇي وابن ماجھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋىمىنىڭ قىلىقىنى يەنى لىۋات بەچچىۋازلىقنى قىلغان كىشىنى تاپساڭلار، قىلغۇچى پائىلنى ۋە قىلىنغۇچى مەپئۇلنى ھەر ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار. ئەھمەد، دارىقۇتنى، ھاكىم، زىيائۇلمەقدەسى، تۆت كىتاب توپلىغان سەھىھ. لىۋات ھارام.
3576 - [ 22 ] ( لم تتم دراستھ ) وىن ابن ىباس قال : قال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : من ۆتۈ بھيمە فاقتلوھ واقتلوھا مىھ . قيل لابن ىباس : ما شۆن البھيمە ؟ قال : ما سمىت من رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم في ۇلك شيېا ولكن ۆرھ كرھ ۆن يۋكل لچمھا ۆو ينتفى بھا وقد فىل بھا ۇلك . رواھ الترمۇي وۆبو داود وابن ماجھ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم ھايۋانغا كەلسە، يەنى ھايۋان بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلسا، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن قوشۇپ ھايۋاننىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، (چۈنكى، ھايۋاننىڭ ئىنسان سۈرىتىدە تۇغۇپ قويۇش ئېھتىمالى بار، ئىنساننى ئۆلتۈرۈش قاتتىق ئۇرۇش، تەزىر ئۇرۇش مەنىسىدە).ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا؛ ھايۋاننى نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈرىمىز؟دىيىلگەندە،ئۇ:بۇ توغرۇلۇق رەسۇلۇللاھتىن بىرەر نەرسە ئاڭلىمىدىم، لېكىن مەن ئۇنداق ھايۋاننىڭ گۆشىنى يىيىشنى، ئۇنىڭ بىلەن مەنپەئەتلىنشنى ياقتۇرمىغان دەپ قارايمەن،چۈنكى ئۇھايۋانغا يۇقىرقى مەكروھ قىلىق قىلندى ئەمەسمۇ؟دېدى. ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، سەھىھ.ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھايۋانغا چېقىلىپ، ھايۋان بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشىنى تاپساڭلار، ئۇنىمۇ، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، (يەنى ھايۋانغا چېقىلىش ھارامدۇر). تىرمىزى، ھاكىم توپلىغان، سەھىھ.
3577 - [ 23 ] ىن جابر قال : قال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : إن ۆخوف ما ۆخاف ىلۈ ۆمتي ىمل قوم لوط . رواھ الترمۇي وابن ماجھ
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن مەن ئۈممىتىمگە ئەنسىرەيدىغان ئەڭ قورقۇنۇشلۇق نەرسە، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋىمىنىڭ ئىشى، يەنى لىۋات، بەچچىۋازلىقتۇر، ئەھمەد، تىرمىزى، ھاكىم، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
3578 - [ 24 ] ( لم تتم دراستھ ) وىن ابن ىباس : ۆن رجلا من بني بكر بن ليڭ ۆتۈ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فۆقر ۆنھ زنۈ بامرۆە ۆربى مرات فجلدھ ماېە وكان بكرا ڭم سۆلھ البينە ىلۈ المرۆە فقالت : كۇب واللھ يا رسول اللھ فجلد چد الفريە . رواھ ۆبو داود
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛بەنىي بەكىرىدىن بىركىشى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كىلىپ، بىر ئايال بىلەن زىنا قىلغانلىقىغا تۆت قېتىم ئىقرار قىلىپ گۇۋاھلىق بەردى، - ئۇتوي قىلمىغان كىشى ئىكەن-رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى 100 قامچا ئۇردى، ئاندىن ئايال كىشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئايالنىڭ زىيىنىغا دەلىل-ئىسپات،گۇۋاھلىق سورىۋىدى، ئۇ ئايال؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! اللھ بىلەن قەسەمكى ئۇ يالغان سۆزلەپتۇ دېدى. ئاندىن ئۇكىشىگە بوھتان قىلغاننىڭ جازاسىغا يەنە 80قامچا ئۇرۇلدى. ئەبۇداۋۇد توپلىغان.
3579 - [ 25 ] ( لم تتم دراستھ ) وىن ىاېشە قالت : لما نزل ىۇري قام النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم ىلۈ المنبر فۇكر ۇلك فلما نزل من المنبر ۆمر بالرجلين والمرۆە فگربوا چدھم . رواھ ۆبو داود
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ؛ مىنى ئاقلاپ، مىنىڭ ئۆزرەمگە ئايەت نازىل قىلىنغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنبەر ئۇستىدە تۇرۇپ؛ ئۇنى بايان قىلدى، ئاندىن مۇنبەردىن چۇشكەندە، ئىككى ئەر، بىر ئايالنى ماڭا بوھتان قىلغانغا جازالاپ، قامچا ئۇرۇشقا بۇيرىدى. ئەبۇداۋۇد توپلىغان.
3580 - [ 26 ] الفپل الڭالڭ ( پچيچ ) ىن نافى : ۆن پفيە بنت ۆبي ىبيد ۆخبرتھ ۆن ىبدا من رقيق الإمارە وقى ىلۈ وليدە من الخمس فاستكرھھا چتۈ افتگھا فجلدھ ىمر ولم يجلدھا من ۆجل ۆنھ استكرھھا . رواھ البخاري
ناپىئ رەھ مۇنداق دەيدۇ؛ ماڭا سەپىييە مۇنداق خەۋەر قىلدى؛ خەلىپە ئەمىيرلىكنىڭ قۇللىرىدىن بىر ئەرقۇل، غەنىيمەتنىڭ بەشتەن بىرىدىن ئەۋەتىلگەن ئولجىدىن بولغان بىر دىدەك چۆرىنى مەجبۇرلاپ، باسقۇنچۇلۇق قىلىپ، ئۇقىزچاقنىڭ قىزلىقىنى زاۋال تاپقۇزىدۇ، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇ ئەرقۇلنى قامچىلاپ، ھېلىقى قىزنى قامچىلىمىدى، چۈنكى ئۇ مەجبۇرلانغان ئىدى. ئىمام بۇخارى.
3581 - [ 27 ] ( چسن ) وىن يزيد بن نىيم بن ھزال ىن ۆبيھ قال : كان ماىز بن مالك يتيما في چجر ۆبي فۆپاب جاريە من الچي فقال لھ ۆبي : اېت رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم فۆخبرھ بما پنىت لىلھ يستغفر لك وإنما يريد بۇلك رجاء ۆن يكون لھ مخرجا فۆتاھ فقال : يا رسول اللھ إني زنيت فۆقم ىلي كتاب اللھ چتۈ قالھا ۆربى مرات قال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : إنك قد قلتھا ۆربى مرات فبمن ؟ قال : بفلانە . قال : ھل گاجىتھا ؟ قال : نىم قال : ھل باشرتھا ؟ قال : نىم قال : ھل جامىتھا ؟ قال : نىم قال : فۆمر بھ ۆن يرجم فۆخرج بھ إلۈ الچرە فلما رجم فوجد مس الچجارە فجزى فخرج يشتد فلقيھ ىبد اللھ بن ۆنيس وقد ىجز ۆپچابھ فنزى لھ بوئيف بىير فرماھ بھ فقتلھ ڭم ۆتۈ النبي پلۈ اللھ ىليھ وسلم فۇكر ۇلك لھ فقال : ھلا تركتموھ لىلھ ۆن يتوب . فيتوب اللھ ىليھ . رواھ ۆبو داود
يەزىيدئىبنى نۇئىيم ئىبنى ھەززال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم مۇنداق دەيدۇ؛ مائىز ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادامنىڭ ھۇجرىسىدىكى بىر يىتىم ئىدى، ئۇ ھەي قەبىلىسىدىن بىر دىدەك بىلەن زىنا قىلىپ سالدى، دادام ئۇنىڭغا؛ سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغابېرىپ،قىلغان ئىشىڭنى خەۋەر قىلغىن، ساڭا مەغپىرەت سورسا، مەغپىرەت قىلىنىشى مۇمكىن دەيدۇ، ئۇشۇئىشىدىن بىرەر چىقىش يولىنى مەقسەت قىلىپ كىلىپ، ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! مەن زىنا قىلىپ سالدىم ، ماڭا اللھ نىڭ كىتابىدا كۆرسىتىلگەن بۇيىچە جازا بەرسىلە دەپ، زىنا قىلغىنىغا تۆت قېتىم ئىقرارقىلىدۇ،(چۈنكى بۇئىشقا تۆت گۇۋاھچى تۇلۇق بۇلىشى لازىم، بىركىشىنىڭ ئۆززىيىنىغا تۆت قېتىم گۇۋاھلىق بەرگەن ئىقرارى شۇنىڭغا تەڭدۇر)ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: سەن بۇئىقرار سۆزىڭنى تۆت قېتىم دېدىڭ، سەن زادى كىم بىلەن زىنا قىلدىڭ؟دېدى، ئۇ: پالانى ئايال بىلەن دېدى، رەسۇلۇللاھ؛سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىڭمۇ؟دېدى، ئۇ؛ ھەئە دېدى، رەسۇلۇللاھ؛سەن ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلاشتىڭمۇ؟دېدى،ئۇ؛ھەئە دېدى، رەسۇلۇللاھ؛سەن ئۇنىڭ بىلەن جىمائ، جىنسى مۇناسىۋەت قىلدىڭمۇ؟دېدى،ئۇ؛ھەئە قىلدىم دېدى، ئاندىن ئۇنى رىجىم قىلىنىشقا بۇيرىدى ، ئۇ سايلىققا ئېلىپ چىقىلىپ، رىجىم قىلنغاندا تاش-بۇران قىلىنغاندا، تاشلارنىڭ قاتتىق تەككەن ئەلىمىنى تاپقاندا،ئۇ ۋايجان دەپ قاچتى،ئۇنى رىجىم قىلىۋاتقانلار ئاجىز كىلىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭغا ئابدۇاللھ ئىبنى ئۇنەيس ئۇچراپ قېلىپ، ئۇنى تۆگىنىڭ پاچىقى (يەنەبىردە باش سۇڭىكى)بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ، بۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەزال دىگەن ساھابە خەۋەر قىلغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ نېمە ئۈچۈن ئۇنى قويۇپ بەرمىدىڭلار، ئۇ تۆۋبە قىلسا، ئاللاھ تۆۋبىسىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئىدى دەپ، (ئى ھەززال! ئەگەر سەن ئۇ مائىزنى كىيمىڭ بىلەن يېپىپ توسىۋالغان بولساڭ،(ياكى سەن سۆز قىلماي ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپقان بولساڭ) بۇ ساڭا بەك ياخشى بولغان بولاتتى دىگەن.ئىبنى مۇنكەدىر؛ ھەززال ئۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغابېرىپ، ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ،خەۋەر قىلىشقا بۇيرىغان دېدى. ئەھمەد 20885 – ھەىس، مالىك 1290 – ھەدىس، ئەبۇ داۋۇد، ھاكىم توپلىغان، سەھىھ.
3582 - [ 28 ] ( لم تتم دراستھ وىن ىمرو بن الىاپ قال : سمىت رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم يقول : ما من قوم يئھر فيھم الزنا إلا ۆخۇوا بالسنە وما من قوم يئھر فيھم الرشا إلا ۆخۇوا بالرىب . رواھ ۆچمد
ئەمرۇئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەرقانداق بىر قەۋىمنىڭ ئارىسىدا زىنا، پاھىشىۋازلىق ئاشكارا بولسا، ئۇلار قەھەتچىلىك بىلەن جازالىنىپ ئازاپلىنىدۇ، ھەرقانداق بىر قەۋىمنىڭ ئارىسىدا پاربىرىش،پارئېلىش ئاشكارا بولسا، ئۇلارقورقۇنجا،خەۋىف بىلەن جازالىنىپ ئازاپلىنىدۇ،ئەھمەد.
3583 - [ 29 ] وىن ابن ىباس وۆبي ھريرە ۆن رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم قال : ملىون من سب ۆباھ ملىون من سب ۆمھ ملىون من ۇبچ لغير اللھ ملىون من غير تخوم الۆرگ ملىون من كمھ ۆىمۈ ىن طريق ملىون من وقى ىلۈ بھيمە ملىون من ىمل ىمل قوم لوط . رواھ رزين
ئىبنى ئابباس،ئەبۇھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: دادىسىنى تىللاپ، ئەيىبلىگۈچى مەلئۇن، ئانىسىنى تىللاپ ئەيىبلىگۈچىمۇ مەلئۇن، ئاللاھنىڭ غەيرىگە مال بوغۇزلاپ قان قىلغۇچىغا لەنەت قىلىنىدۇ. زىمىننىڭ چېگرا -پاسىل بەلگىلىرىنى ئۆزگەرتكەن كىشىگە لەنەت قىلىنىدۇ. ئەما، كور كىشىنى يولدىن ئازدۇرۇپ، باشقا يولغا سېلىپ قويغان كىشى مەلئۇن، ھايۋان بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلغان كىشى مەلئۇن، لۇت قەۋمىنىڭ قىلىقىنى يەنى لىۋات، بەچچىۋازلىق قىلغان كىشىگە لەنەت قلىنىدۇ، رەھمەتتىن يىراق قىلىنىدۇ. (يۇقىرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر).رەزىين، ئەھمەد 2764 – ھەدىس، سەھىھ.
3584 - [ 30 ] ( لم تتم دراستھ ) وفي روايە لھ ىن ابن ىباس : ۆن ىليا رگي اللھ ىنھ ۆچرقھما وۆبا بكر ھدم ىليھما چاېطا
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دىگەن؛ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋىمىنىڭ ئىشىنى، يەنى لىۋات، بەچچىۋازلىقنى قىلغان ھەر ئككىلى كىشىنى ئوت بىلەن كۆيدۇرىۋەتكەن، ئەبۇبەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ ئۇستىگە تام ئۆرۈپ، ئۇلانى ئۆلتۈرگەندۇر.ئەھمەد توپلىغان.
3585 - [ 31 ] وىنھ ۆن رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم قال : لا ينئر اللھ ىز وجل إلۈ رجل ۆتۈ رجلا ۆو امرۆە في دبرھا . رواھ الترمۇي وقال : ھۇا چديڭ چسن غريب
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئەر كىشىنىڭ ئارقا مەقئىتىگە ياكى ئايال كىشىنىڭ ئارقا مەقئىتىگە كەلگەن يەنى جىنسى ئالاقە قىلغان كىشىگە ئاللاھ رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ. يەنى قاتتىق غەزەپ قىلىدۇ. تىرمىزى توپلىغان، سەھىھ. ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئايالىنىڭ ئارقا مەقئىتىگە جىمائ يەنى جىنسى ئالاقە قىلغان ئەرگە ئاللاھتائالا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ. ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
3586 - [ 32 ] ( لم تتم دراستھ ) وىنھ ۆنھ قال : من ۆتۈ بھيمە فلا چد ىليھ . رواھ الترمۇي وۆبو داود وقال الترمۇي : ىن سفيان الڭوري ۆنھ قال : وھۇا ۆپچ من الچديڭ الۆول وھو : من ۆتۈ بھيمە فاقتلوھ والىمل ىلۈ ھۇا ىند ۆھل الىلم
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھايۋان بىلەن جىنسى ئالاقە قىلغان كىشىگە ھەد جازا يوقتۇر.ئەبۇداۋۇد،تىرمىزى توپلاپ؛سۇپيان؛ بۇ ئالدىدىكى ئۆلتۈرۈش ھەدىسىدىن سەھىھراق بۇلۇپ، ئالىملار مۇشۇ كىيىنكى ھەدىسكە ئەمەل قىلدى دېدى.
3587 - [ 33 ] ( جيد ) وىن ىبادە بن الپامت قال : قال رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم : ۆقيموا چدود اللھ في القريب والبىيد ولا تۆخۇكم في اللھ لومە لاېم . رواھ ابن ماجھ
ئۇبادەت ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھنىڭ ھەد، جازا قانۇن بەلگىلىمىللىرىنى يىراق – يېقىن ھەممى كىشىدە ئىجرا قىلىپ مۇستەھكەم بەرپا قىلىڭلار، يەنى يېقىن تۇغقان بولسىمۇ جازانى تۇرغۇزۇڭلار، ئاللاھ يولىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا تاپا قىلغۇچى مالامەتچىنىڭ تاپا – تەنە مالامەتلىرىگە پەرۋا قىلماڭلار، قورقماڭلار، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.
3588 - [ 34 ] ( جيد ) وىن ابن ىمر ۆن رسول اللھ پلۈ اللھ ىليھ وسلم قال : إقامە چد من چدود اللھ خير من مطر ۆربىين ليلە في بلاد اللھ . رواھ ابن ماجھ
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھنىڭ شەھەرلىرىدە 40 كۈن يامغۇر ياغقاندىن، ئاللاھنىڭ ھەد، جازا قانۇنىدىن بىرنى بەرپا قىلغان ياخشىدۇر،( يەنى بەرىكەت، تېنچلىق؛ ئاسىيلارنى جازالىغاندا، گۇناھ، مەئسىيەت مەۋجۇد بولمىغاندا، ئىلىم، ئىبادەت ياخشى بولغاندا بولىدۇ)، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ.

ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر

 
  تەۋسىيە ئېلان

  سۈرەتلىك خەۋەرلەر

  بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

  ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى

  قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟؟؟؟؟

  ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

  كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

  چۈش توغرىسىدا

  نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

  مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

   دوستانە ئۇلىنىش
ئاستى
 
 

ئالاقىلىشىڭ | pakdin isalm tori asar lar sahipisi ( 新ICP备12003085号-2) |