باش بەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ

باش بەت

تۈر بېتى

ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

خەۋەر يوللىغۇچى: ヤひyGんuR~↘BaLisI╭ خەۋەر كۆرۈلىشى: 2037 يوللانغان ۋاقتى: 2013-3-2

 

پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇبارەك كۈنى بولمىش جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى تۇغرىسىدا (تەرغىبۇسسالات)ناملىق كىتاپتىكى ھەدىسلەردە:
(كۈنلەرنىڭ ئەڭ قىممەتلىگى جۈمە كۈنۈدۇر.)
(ئادەم ئەلەيسالام جۈمە كۈنى يارىتىلغاندۇر.جۈمە كۈنى جەننەتكە كۈتۈرۈلگەندۇر،جۈمە كۈنى دۇنياغا چۈشۈرۈلگەندۇر.قىيامەت جۈمەكۈنى قۇپۇدۇ. جۈمە كۈنى شۇنداق بىر سائەت باركى ئۇ سائەتتە پۈتۈن دۇئالار قۇبۇل بۇلىدۇ.)
(جۈمە كۈنى بايرام كۈنلېرىدىن ،ئارپە ۋە ئاشۇرا كۈنىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر)
(ئاللاھ تائالا جۈمە كۈنى ئۈلۈپ كەتكەن مۆمىنگە قەبرە ئازابى قىلماس)
(جۈمە كۈنى قىرىق قىتىم سالاۋات ئېتقان كىشىنىڭ قىرىق يىللىق گۇناھلېرىنى اللە كەچۈرەر)
(جۈمە كىچىسى ئىككى راكەت ناماز ئۇقۇپ،ھەر راكىتىدە بىر پاتىھە ۋە يەتمىش ئىخلاس ئۇقۇپ سالامدىن كىيىن يەتمىش قىتىم ئىستىغفار ئۇقۇغان كىشى، ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلمەنكى ئۈممىتىمنىڭ(ئىمانلىق بولغانلېرىدىن)ھەممىسى بۈيۈك گۇناھ قىلىپ ئۆلسە،بۇ نامازنى قىلغان كىشى ئۇلارغا شاپائەت قىلار،ئاللاھ تائالامۇ ئۇنىڭ شاپائىتى بىلەن( مۇسۇلمانلارنىڭ )ھەممىىسىنى جەننەتكە كىرگۈزەر)
(جۈمە كۈنى بامدەت نامىزىدىن بۇرۇن ئۈچ قىتىم(ئەستەغفىرۇللاھەل ئەزىم،ئەللەزى لائىلاھە ئىللاھۇۋەل ھەييۇل قەييۇمە ۋە ئەتۇبۇ ئىلەيھ)ئۇقۇغان كىشىنىڭ،ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ پۈتۈن گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ)مەغفىرەت قىلنىش ئۈچۈن قۇل ھەقلېرىنى ۋەقازا قالغان نامازلېرىنى ئۆتىمەك ۋە ھاراملاردىن ساقلانماق شەرتتۇر.
(كامىل تاھارەت ئىلىپ جۈمەگە كەلگەندىن كىيىن دىققەت بىلەن خۇتبە ئاڭلىغان كىشىنىڭ ئاۋالقى جۈمەدىن مۇشۇ جۈمەگىچە ۋە ئۇچ كۈن ئۈتكىچە يەنى ئون كۈنلۈك گۇناھلېرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ)
(جۈمە نامىزىدىن كىيىن يەتتە قىتىم ئىخلاس بىلەن ناس ۋە فەلەق سۈرىلېرىنى ئۇقۇغان كىشىنى ئاللاھ تائالا بىر ھەپتە بالا-قازادىن ۋە يامان ئىشلاردىن ساقلار)
(جۈمە دۇنيادا ۋە جەننەتتە مۆمىنلەرنىڭ بايرىمىدۇر)
(ھىچ ئۈزرىسىز،ئۈچ ھەپتە جۈمە نامىزىنى ئۇقۇمىغان كىشىنىڭ قەلبىنى ئاللاھ تائالا مۈھۈرلەر(ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى خالىماس بۇلار).

ئاللاھ تائالا ھەممىمىزنى بارچە يامانلىقلاردىن يىنىپ،بۇيرىغانلېرىنى جان-تەن بىلەن قىلىپ بۇ مۇبارەك كۇننىڭ پەزىلەتلېرىگە يىتىشنى نىسىپ قىلغاي.

ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر

 
  تەۋسىيە ئېلان

  سۈرەتلىك خەۋەرلەر

  بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

  ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى

  قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟؟؟؟؟

  ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

  كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

  چۈش توغرىسىدا

  نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

  مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

   دوستانە ئۇلىنىش
ئاستى
 
 

ئالاقىلىشىڭ | pakdin isalm tori asar lar sahipisi ( 新ICP备12003085号-2) |