باش بەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ

باش بەت

تۈر بېتى

قۇرئان ھەدىسلەر

  «ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ!

خەۋەر يوللىغۇچى: ヤひyGんuR~↘BaLisI╭ خەۋەر كۆرۈلىشى: 1100 يوللانغان ۋاقتى: 2013-3-2

 

«ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ»ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﯔ!
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻪﺭﻩﺑﭽﻪ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙﺋﻮﻗﯘﺵ، ﻳﺎﺩ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﯗﺭ .
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺩﻩ 70 ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ . ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ ، ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺩﻻﭖ ﯞﻩ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻥ.

ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻳﯩﻐﯩﺶ ، ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺩﻩ 6 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺗﻮﭘﻼﻧﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ 114 ﺳﯜﺭﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ . ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ، ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯘﻻﺵ ﺩﯦﮕﻪﻥﻣﻪﻧﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺩﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﯜﺭﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﭗﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻤﺎﻕ ، ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﻳﻪﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ ھﻪﻣﺪﻩ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ .

ئېلىكتىرۇنلۇق مېڭە ئاستىدىكى قۇرئان كەرىم.

قۇرئان كەرىم دۇنياغا نازىل بولغىلى 1400-يىلدىن ئاشتى .بۇ جەرياندا نورغۇنلىغان كىشىلەر ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ قۇرئان كەرىمنى تەتتىق قىلىپ كەلدى. ئېلىكتىرۇنلۇق پەن تېخنىكىنصڭ ئۇچقاندەك راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ،بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان كەرىمنى ئېلىكتىرۇنلۇق مېڭصنىڭ شىفىرىگە تەرجىمە قىلىپ چىقتى ۋە بۇ ئارقىلىق ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ مۆجىزىلىك سان-سفىرلارنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرئاندىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس كىتاپنى ئىنساننىڭ يىزىپ چىقىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتى ،تۆۋەندە ئىلىكتىرۇنلۇق مىڭە ئارقىلىق بايقالغان بىر قىسىم مۆجىزىلىك سانلارنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز:
1.قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنجى جۈملە ئايىتى <<بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم >>بولۇپ ،بۇ جۈملە ئەرەبچە <<ئىسىم،اللە،رەھمان،رەھىم>>دىن ئىبارەت تۆت سۆزدىن تۈزۈلگەن ،پۈتۈن قۇرئان كەرىمدە يۇقارقى تۆت سۆزنىڭ ئومۇمى تەكرارلىنىش قىتىم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.(يەنى19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ),<<بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم >>دىگەن بۇجۈملە يەنە19ئەرەپچە ھەرىپتىن تۈزۈلگەن.


2.قۇرئان كەرىمدە جەمئى 114سۈرە بولۇپ بۇ 19 نىڭ 6 ھەسسىسىدۇر.بۇ سۈرىلەردىن 9-سۈرە سۈرە تەۋبىدىن باشقىلىرى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان .يەنى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان 113سۈرە بولۇپ بۇنىڭغا يەنە بىر سۈرىنىڭ ئصچىدىكى يەنى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بىلقىسقا يازغان مەكتۇبى بايان قىلىنغان ئايەتتىكى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم)نى قوشقاندا جەمىئى (بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم )بىلەن باشلانغان سۈرە 114بولىدۇ. 114بولسا 19نىڭ 6ھەسسىسىدۇر.


3.قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككىنچى سۈرىسى سۈرە بەقەرە بولۇپ بۇ سۈرە (ا ل م)(ئەلىف،لام،مىم) دىگەن ئەرەبچە يالغۇز ھەرىپلەر بىلەن باشلانغان،بۇ ھەرىپلەرنىڭ مەزكۇر سۈرە ئىچىدىكى ئومۇمى تەكرارلىنىش قېتىم سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19 نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ.(يەنى 19غا پۈتۈن بۆلىنىدۇ)(ھەر بىر ھەرىپنىڭ تەكرارلىنىش قىتىم سانى ۋە 19نىڭ قانچە ھەسسىسى بولىدىغانلىقى ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ،كەچۈرگەيسىزلەر).


4.قۇرئان كەرىمدە يۇقارقىدەك يالغۇز ھەرىپلەر بىلەن باشلانغان سۈرىلەردىن جەمئى 29 سۈرە بولۇپ ،شۇ يالغۇز ھەرىپلەرنىڭ شۇ سۈرە ئصچىدىكى تەكرارلىنىش قىتىم سانى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ(يەنى 19غا پۈتۈن بۆلىنىدۇ). مەسىلەن قۇرئان كەرىمدىكى قاف سۈرىسى (ق )بىلەن باشلانغان بولۇپ بۇ ھەرىپنىڭ مەزكۇر سۈرە ئصچىدىكى تەكرارلىنىش قىتىم سانى 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ.ياسىن سۈرىسى ئەرەبچە (يس)(ياسىن)دىگەن ئىككى يالغۇز ھەرىپ بىلەن باشلانغان بولۇپ بۇ ئىككى ھەرىپنىڭ بۇ سۈرە ئىچىدىكى تەكرارلىنىش قىتىم سانى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ(19نىڭ ھەسسىسگە توغرا كىلىدۇ). پۈتۇن قۇرئان كەرىمدە مۇشۇنداق يالغۇز ھەرىپلەردىن 80دىن ئارتۇق بولۇپ،ھەممىسىنىڭ شۇ سۈرىلەر ئچىدىكى سانى19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،بۇنىڭ توغرىلىقىغا قىل سىغمايدۇ،ھەرقانداق ئادەم ھىسابلاپ كۆرسە بولىۋىرىدۇ .


5.قۇرئان كەرىمدە نورغۇنلىغان سان-سفىرلار تىلغا ئىلىنغان .مەسىلەن :1000يىل ،1000ئاي ،40كۇن ،12بۇلاق ،قاتارلىقلار. قۇرئاندا تىلغا ئىلىنغان بارلىق سان-سفىرلارنى قوشقاندا كىلىپ چىققان سان يەنە 19نىڭ ھەسسىسىگە توغرا كىلىدۇ،(يەنى 19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ)
بۇسانلارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە يەردە تىلغا ئىلىنغان بولۇپ تەكرارلانغانلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كىيىنكى جۇغلانما سان يەنە 19نىڭ ھەسسىسگە توغرا كىلىدۇ (يەنى19غا پۇتۇن بۆلىنىدۇ).


6.قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نازىل بولغان ئەلەق سۈرىسى سۈرە تەرتىبى بويىچە 96-سۈرە بولۇپ بۇ سۈرە ئاياغدىن سانىغاندا (يەنى 114-سۈرىدىن باشلاپ باشلام تەرەپكە سانىغاندا) 19-سۈرىدۇر. بۇ سۈرىنىڭ بىشىدىكى (ئوقۇ،ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقىغىن،ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن ياراتتى ،ئوقۇ،پەرۋەردىگارىڭ ئەڭ كەرەملىكتۇر،ئۇ ئىنسانغا قەلەم بىلەن خەت يىزىشنى ئۇگەتتى،ئىنسانغا بىىلمىگەن نەرسىلەرنى بىلدۇردى ) دىگەن بەش ئايەت مۇھەممەد ئەيھىسسالام ھىرا غارىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقاندا اللە تەرىپىدىن جىبرىئصلنىڭ ۋاستىسى بىلەن چۇشۇرۇلگەن تۇنجى ۋەھىيدۇر، بۇ بەش ئايەت جەمئى 19 ئەرەبچە سۆزدىن تۈزۇلگەندۇر.


بۇبەش ئايەت قۇرئان كەرىمنىڭ ئوسمانى نۇسخىسى (قۇرئاننىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى )بويىچە ھىسابلىغاندا 76ئەرەبچە ھەرىپتىن تۇزۇلگەن بولۇپ ،76بولسا 19نىڭ 4ھەسسىسىدۇر، بۇ ئەلەق سۈرىسى يەنە 19 ئايەتتىن تۈزۇلگەن سۈرىدۇر ،
قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ 19دىن ئىبارەت ئاجايىپ مۆجىزىلىك سان بىلەن نىمە ئۈچۇن بۇ قەدەر زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ۋە بۇ نىڭ سەۋەبىگە ھازىرغىچە ھىچ بىر ئىنسان جاۋاپ بىرەلىگىنى يوق .
(بىر قىسىم كىشىلەر قۇرئان كەرىمنىڭ 19دىن ئىبارەت بۇ سان-سىفىرلىك مۆجىزىلىرىنى مۇلاھىزە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:قۇرئانى كەرىمدە ؛ <<بىز دەۋزەخ پەرىشتىلىرىنىڭ سانىنى 19 قىلدۇق ،بۇ ئارقىلىق كاپىرلارنى سىنىدۇق ،تاكى ئەھلى كىتاب (يەھۇدى ۋە ناسارالار) بۇ ساننى ئۆزلىرىنىڭ كىتابلىرىدا كۆرۇپ (ئسلامنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ )ھەق ئىكەنلىكىگە ئىمان ئىيتقاي>>.دىگەن مەزمۇندا ئايەت بار ،
ھازىر نەزەر سالىدىغان بولساق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ياشىغان دەۋەرلەردە كومپىيۇتىر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس .مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئوقۇمىغان ساۋاتسىز كىشىدۇر . بىر كىشى ئەسەر يازار بولسا يازماقچى بولغان ئەسىرىگە مەخسەتلىك ھالدا بىر قىسىم سان-سفىرلارنى قوشماقچى بولسا بۇ سان-سىفىرلارنىڭ ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە دەخلى يەتكۇزىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ،ئەمما 19دىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك سان پۇتۇن قۇرئان كەرىمگە شۇ دەرىجىدە بىرىكىپ كەتكەنكى ئۇ قۇرئاننىڭ پاساھەت ۋە بالاغىتىگە ھىچ قانداق تەسىر يەتكۇزمىگەن .
زامانىمىزدە ھىچ قانداق يازغۇچى كومپىيۇتىردا ھەرىپ تىزىش ئارقىلىقمۇ سان-سىفىرلارنى ئۆز ئەسىرىگە مۇنداق زىچ بىرىكتۇرەلمىگەن ھەم بىرىكتۇرەلمەيدۇ. يەنە مۇلاھىزە قىلساق كومپىيۇتىرنى كەشىپ قىلغۇچىلار ناسارالار بولۇپ ،بۇگۇنكى كۇندە ئۇلار قۇرئانى كەرىمنىڭ 19بىلەن بولغان مۆجىزىلىك باغلىنىشىنى ئىلىكىتىرۇنلۇق مىڭىدە تەتقىق قىلىپ 19دىن ئىبارەت بۇ مۆجىزىلىك ساننى كۆرگىنىدە ۋە اللەنىڭ يۇقارقى ئايىتىنى ئاڭلىغىنىدا ، ئسلامنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ھەق ئىكىەنلىكىگە ئىشەنمەسلىىگە نىمە پاكىتى بولسۇن؟؟؟؟!!!!!!!!
اللە مۇنداق دەيدۇ:<اللە قۇرئاننى ئۆز ئىلمى بىلەن نازىل قىلدى ،>.
اللە ھەممىمىزنى ئسلامغا ھىدايەت قىلسۇن .
قىرىنداشلىرىمغا قۇرئاننىڭ مەن ئاڭلىغان يەنە بىر مۆجىزىسىنى ئىيتىپ بىرەي:اللە قۇرئاندا << بىز قوياشنى نور چاچقۇچى ،ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق.>>دىگەن .ئايەتتىكى ئاينى يورۇق قىلىپ ياراتتۇق دىگەن كەلىمە ئاينىڭ يورۇق قىلىنغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ،بۇگۇنكى كۇندە ئاستورونۇمىيە ئىسپاتلىدىكى ،ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدۇ ،ئۇ پەقەت قۇياشتىن قايتقان يورۇقلۇقتۇر،دىمەك ئاي، قۇياش نورى، ئارقىلىق يورۇق قىلىنغان .مۇلاھىزە قىلساق ئايەتتە ئىنىق ھالدا ئاينىڭ ئۆزىدىن يورۇقلۇق چىقمايدىغانلىقى ئىيتىلغان ،
ئويلاپ كۆرگەن كىشىگە قۇرئاننىڭ ھەقىقەتەن اللەنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماسمۇ؟؟ چۇنكى قۇرئان نازىل بولغان چاغدىكى كىشىلەر ۋە يىقىنىقى زامانغىچە كىشىلەر بۇ ئاستورنومىيلىك بىلىمدىن بىخەۋەر ئىدى .
اللە توغرىسىنى بىلگىچىدۇر.

جوڭگۈدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە قانداق تەرجىمە نۇسخىلىرى بار؟
جوڭگۈدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ خەنزۇچىدىن باشقا، تاتارچە، ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچىسى ئىككى خىل بولۇپ، بىرى تاللاپ تەرجىمە قىلىنغان، يەنە بىرى تولۇق تەرجىمە قىلىنغان.
1 «<قۇرئان كەرىم> تەپسىرى»، تاللاپ تەرجىمە قىلىنغان. 1910-يىلى چۆچەكتىكى روزى ئاخۇننىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن يۈسۈپ داموللا تەرجىمە قىلغان.


2 «<قۇرئان كەرىم> تەپسىرى»نى شەمسىدىن داموللا (1936-يىلى قازا قىلغان) تەرجىمە قىلغان. بۇ ئەسەر ئاممىباب، چۈشىنىشلىق بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئىچىدە نام چىقارغان.
3 «<قۇرئان كەرىم> تەپسىرى»نى 1955-يىلى دامۇللا مۇھەممەد زېرىپ قارى ھاجى غۇلجىدا تەرجىمە قىلغان.


4 «روشەن بايان_ تۈركى تەپسىرۇل قۇرئان» دېگەن نامدا سابىت دامۇللام تەرجىمە قىلغان. بۇ تەرجىمە_ تەپسىر يۇقۇرى سۈپەت، چوڭقۇر ھېكمەت بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. سابىت دامۇللىنىڭ غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوغلى ھاجى ئابدۇللا 1961-يىلى بۇ تەرجىمە - تەپسىرنى شىنجاڭ مىللەتلەر تەتقىقاتى ئورنىغا تەقدىم قىلغان.

قۇرئان كەرىم»نى مۇھەممەد سالىھ شەرھى قوشۇپ تەرجىمە قىلغان. 1986-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچە سېلىشتۈرمىسى قوشۇلغان، ئۇيغۇرچە شەرھ بېرىلگەن. تەرجىمە راۋان، ئەسلى نۇسخىغا سادىق بولغان. شەرھ_ئىزاھلار قىسقا، چۈشىنىشلىك، توغرا بېرىلگەن. بۇ تەرجىمە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ۋە ئىشەنچىسىگەئىگە بولۇپلا قالماستىن، ئەرەب دۇنياسىدىمۇ نام چىقارغان.

ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر

 
  تەۋسىيە ئېلان

  سۈرەتلىك خەۋەرلەر

  بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

  ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى

  قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟؟؟؟؟

  ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

  كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

  چۈش توغرىسىدا

  نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

  مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

   دوستانە ئۇلىنىش
ئاستى
 
 

ئالاقىلىشىڭ | pakdin isalm tori asar lar sahipisi ( 新ICP备12003085号-2) |