باش بەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ

باش بەت

تۈر بېتى

نىكاھ ۋە تۇرمۇش

  تالاقتىن ئىددەت تۇتىۋاتقان ئايالنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ئىددىتى قانداق توشىدۇ؟

خەۋەر يوللىغۇچى: ヤひyGんuR~↘BaLisI╭ خەۋەر كۆرۈلىشى: 856 يوللانغان ۋاقتى: 2013-3-2

 سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئايال كىشى تالاق قىلىنىپ ئىككى ھەيز كۆرگەندىن كېيىن ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، ئىددىتى قانداق بولىدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

 

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

 

 

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

  

تالاق ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ:

 

بىرى تالاق قىلغان ئايالىنى نىكاھ يېڭىلىمايلا ئەمرىگە قايتۇرۇۋالالايدىغان رەجئىي تالاق، يەنە بىرى ئۈزۈل-كېسىل ئاجراپ كېتىدىغان بائىن تالاق.

 

بائىن تالاقمۇ چوڭ ۋە كىچىك دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ:

 

كىچىك بائىن دېگىنىمىز بىر ياكى ئىككى رەجئىي تالاق قىلىپ ئىددىتى توشۇپ بولغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئىددەت توشۇشى بىلەن ئايال ئەردىن ئۈزۈل-كېسىل ئاجراپ يات بىر ئايالغا ئايلانغان بولىدۇ. لېكىن تالاق سانى ئۈچكە يەتمىگەن ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ خالىسا يېڭىدىن تويلۇق بېرىپ نىكاھ ئوقۇتۇپ توي قىلالايدۇ. ئايال خالىسا باشقا ئەرگە تېگىدۇ.

 

چوڭ بائىن دېگىنىمىز ئۈچ قېتىم رەجئىي تالاق قىلىنىپ ئىددىتى توشۇپ بولغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ. بائىن تالاقنىڭ يەنە بىرقانچە تۈرى بار.

 

بۇ ئەھۋالدا ئۈچىنچى تالاق قىلىنىش بىلەن ئايال ئەردىن ئۈزۈل-كېسىل ئاجراپ يات بىر ئايالغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ ئەردىن ئىددەت تۇتىدۇ. بۇ تالاقتىن كېيىن ئىككى تەرەپ خالىسىمۇ قايتا يارىشالمايدۇ. ئايال بۇرۇنقى ئېرىگە ئەمەس باشقا ئەرگە تېگىدۇ.

 

ئەمدى سوئالدىكى ۋەقەلىككە كەلسەك: ئايال رەجئىي تالاق قىلىنغاندىن كېيىن ئىددەت تۇتىۋاتقان مەزگىلدە ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئىددەت مەزگىلىدە ئايال يەنىلا شۇ ئەرگە تەۋە بولغاچقا، بۇ ئىددەتتىن مەيلى بىر ھەيز ياكى ئىككى ھەيز كۆرگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇرۇنقى ھەيز ئارقىلىق ئىددەت تۇتۇشنى بىكار قىلىپ ئۆلۈم ئىددىتىگە يۆتكىلىپ ئەر ئۆلگەن كۈندىن باشلاپ تۆت ئاي ئون كۈن ئىددەت تۇتىدۇ. ئەردىن مىراس ئالىدۇ. ئەرگە ھازا تۇتىدۇ.

 

ئەگەر ئايال بائىن تالاق قىلىنغان بولسا، ئىددەت تۇتىۋاتقان مەزگىلدە ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ ئىددەت مەزگىلىدە ئايال شۇ ئەرگە تەۋە بولمىغاچقا، ئىددىتىنى ئۇلاپ تۇلۇقلايدۇ. ئۆلۈم ئىددىتىگە يۆتكەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئەردىن مىراس ئالالمايدۇ. ئەرگە ھازا تۇتمايدۇ. يۇقىرىقىلارغا قارىتا ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

 

پەقەتلا ئېغىر كېسەل بولۇپ يېتىپ قېلىپ ئايالىنى مىراسىدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن بائىن تالاق قىلىۋەتكەندىن كېيىن ئايال ئىددەت تۇتىۋاتقان مەزگىلدە ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، بەزى ئالىملار بۇ ئەھۋالدا ئەرنىڭ يامان نىيىتىگە خىلاپ ھالدا ئايال ئەردىن مىراس ئالىدۇ دەپ قارايدۇ.([1])

ۋەللاھۇ ئەئلەم.  

پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

مەنبە : ئىسلام سۇئال جاۋاپ تور بېكىتى

ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر

 
  تەۋسىيە ئېلان

  سۈرەتلىك خەۋەرلەر

  بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

  ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى

  قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟؟؟؟؟

  ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

  كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

  چۈش توغرىسىدا

  نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

  مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

   دوستانە ئۇلىنىش
ئاستى
 
 

ئالاقىلىشىڭ | pakdin isalm tori asar lar sahipisi ( 新ICP备12003085号-2) |