باش بەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ

باش بەت

تۈر بېتى

نىكاھ ۋە تۇرمۇش

  مۇسۇلمان ئەر ئاكا ياكى ئىنىسىنىڭ ئايالىغا مەھرەم بولالامدۇ؟

خەۋەر يوللىغۇچى: ヤひyGんuR~↘BaLisI╭ خەۋەر كۆرۈلىشى: 793 يوللانغان ۋاقتى: 2013-3-2

 

مۇسۇلمان ئەر ئاكا ياكى ئىنىسىنىڭ ئايالىغا مەھرەم بولالامدۇ؟

 

بارلىق ھەمدۇ-سانالار جانابى ئاللاھقا خاستۇر. مۇسۇلمان ئەر ئاكا ياكى ئىنىسىنىڭ ئايالىغاسەپەردە ياكى يالغۇز قالغاندا مەھرەم بولالمايدۇ. سەپەردىكى مەھرەم دېگىنىمىز:بالاغەتكە يەتكەن،ئەقلى-ھوشى جايىدا،ئېرىدىن باشقا شۇ ئايال بىلەن توي قىلىشى مەڭگۈلۈك دۇرۇس بولمايدىغان ئەرلەر بولۇپ ئۇلار: 1.ئاياللارغا نەسەب سەۋەبىدىن توي قىلىشى ھارام قىلىنغان ئەرلەر: دادىسى،بوۋىسى، ئاكىسى،ئۇكىسى،ئوغلى، تاغىسىغا ئوخشاش. 2.نىكاھ سەۋەبىدىن مەھرەم قىلىنغان ئەرلەر: يولدىشى، يولدىشىنىڭ دادىسى ۋە يولدىشىنىڭ باشقا ئايالدىن بولغان ئوغلىغا ئوخشاش. 3.ئېمىلداشلىق سەۋەبى بىلەن بولغان دادىسى ، ئاكىسى،ئۇكىسى قاتارلىقلارغا ئوخشاش. ئايال كىشى يات ئەر بىلەن يالغۇز قالغاندا ئارىلىشىشى ياكى ھەمراھ بولۇپ سەپەر قىلىشى ياكى مەھرەمسىز يالغۇز سەپەر قىلىشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن ئايال كىشىنىڭ بىر كېچە - كۈندۈزلۈك مۇساپىگە مەھرەمسىز سەپەر قىلىپ چىقىشى ھالال بولمايدۇ» (بۇخارىي، مۇسلىم ۋە ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى). يەنە مۇنداق دەيدۇ: «يات ئەر بىلەن يات ئايال يالغۇز قالمىسۇن، شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ ئۈچىنجىسى شەيتان بولىدۇ.» [ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەردىن]. رەسۇلۇللاھدىن ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ ئاكا-ئۇكىسى بىلەن يالغۇز قېلىشى توغرىلىق سورالغاندا:«ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۆلۈم»دىگەن.دىمەك: ئايال كىشىنىڭ ئېرىنىڭ ئاكا-ئۇكىسى بىلەن يالغۇز قېلىشى ، باشقا يات ئەر بىلەن يالغۇز قېلىشىدىن بەكرەك چەكلەنگەن.ئەر كىشىگە نىسبەتەن ھەم ئايالىنىڭ ئاچىسى، سىڭلىسى يات ھېسابلىنىدۇ، ئۇ قىز بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش، ئايرىم جايدا بىرگە تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ.(بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلار دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلە) ئاللاھ ھەممىنى ياخشى بىلگۈچى. ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشىلىققا مۇۋەپپەق قىلسۇن.

چېسلا: 2011-05-15 يوللىغۇچى: ئابدۇللاھ

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:

بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

 

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا، دۇرۇد-سالاملار رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە بولسۇن.

ئەرنىڭ قېرىندىشى ئايالغا نىسبەتەن مەھرەم بولالمايدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى نىكاھلىنالماسلىق ئەھۋالى مەڭگۈ ئەمەس، بەلكى ۋاقىتلىق. شۇڭا ئايالنىڭ ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ياكى ئايالىنى تالاق قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ قېرىندىشى ئۇ ئايالنى ئەمرىگە ئالالايدۇ. مەھرەم بولۇش ئۈچۈن مەڭگۈ نىكاھىغا ئالالمايدىغان بولۇشى لازىم.

ئۇقبە ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «يات ئاياللارنىڭ قېشىغا كىرىشتىن ساقلىنىڭلار» دېگەندە، ئەنسارلاردىن بىر كىشى: يارەسۇلەللاھ! ئەرنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ كىرىشىگە نېمە دەيلا؟ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ئەرنىڭ تۇغقانلىرى ئۆلۈمدۇر» دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى 5232-ھەدىس، مۇسلىم 2172-ھەدىس)

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەدىستىكى ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن ئەرنىڭ ئاتىسى ياكى ئوغۇللىرىدىن باشقا تۇغقانلىرىدۇر، چۈنكى ئەرنىڭ ئاتىسى بىلەن ئوغۇللىرى ئايالغا مەھرەم ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە يالغۇز بولسا بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆلۈم بىلەن سۈپەتلەنمەيدۇ. بۇ ھەدىستىكى ئەرنىڭ تۇغقانلىرىدىن مەقسەت: ئەرنىڭ قېرىندىشى، قېرىندىشىنىڭ ئوغلى، تاغىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئوغلى قاتارلىق مەھرەم بولمىغان كىشىلەردۇر.(شەرھى سەھىھى مۇسلىم 14/154)

بۇنىڭغا بىنائەن ئەرنىڭ قېرىندىشى، قېرىندىشىنىڭ ئوغلى، تاغىسى ۋە تاغىسىنىڭ ئوغلى قاتارلىق مەھرەم بولمىغان كىشىلەر ئايالغا ئارىلىشىشتا ۋە سەپەر قىلىشتا يات كىشىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

 

 

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئايالىم ھىجابلىندىغان ئايال ئىدى،يۈزىنى ئىنىمگە ۋە تاغامغا يۆگەيدۇ. بۇنىڭغا ئاتا-ئانام قارشى .ئۇلار بۇ توغرىسدا ئانچە چۈشەنچىسى ئېنىق ئەمەس ، چۈشەندۈرسەممۇ ئانچە قايىل ئەمەس . يېقىندا بىر بۇرادىرىم ‹‹ئىرى رۇخسەت قىلسا ئايالى قېرىنداشلىرىغا يۈزىنى يۆگمىسىمۇ شەرىئەتتە رۇخسەت باركەن›› دىگەن ئىدى. مەن بۇ گەپكە ئانچە ئىشەنىچ قىلالماي دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھىن سوراپ بېقىشنى ئويلاپ بۇ سوئالنى يوللۇدۇم .ئاللا رەھمەت قىلسۇن.ماڭا بۇ جاۋاب جىددى لازىم بۇلۇپ قالدى . تېزراق جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز!

 

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئابدۇلۋاھاب: يۈز بىر قاراشتا ئەۋرەت. يەنە بىر قاراشتا ئەۋرەت ئەمەس. ئەگەر ئەۋرەت دېگەن قاراشنى تۇتسا يۆگىشى لازىم، ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراشنى تۇتسا يۆگىمىسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەرنىڭ رۇخسىتى بىكار. يۈز ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراش دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك.

 

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئەگەرئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراشنى تۇتسام،‹‹يات كىشىلەرگىمۇ يۆگىمىسىمۇ بولىدۇ››دىگەن ھۆكۈم چىقامدۇ-قانداق؟مەن بۇ مەسىلىدە قېرىنداشلىرىم بىلەن زىددىيەت ۋە ئارازچىلىق بۇلۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە يۈزىنى يۆگمىسىمۇ بولامىغاندۇ؟ دەپ سورىغان ئىدىم .ئەمەلىيەتتىمۇ ئازراق ئارازچىلىق بار.مەن قېرىنداشلىرىمغا قارتا‹‹ئەۋرەت ئەمەس ››دېگەن قاراشنى تۇتسا م، يات كىشىلەرگە‹‹ ئەۋرەت ››دېگەن قاراشنى تۇتسام ئىككى كىمىگە تەڭ دەسسىگەن بولامدىمەن؟!بۇ مەسىلە بىر ئېنىق بۇلۇپ كەتسە دەپ دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھنىڭ جاۋابلىرىنى ئايىماسلىقىنى سورايمەن!ئاللا رەھمەت قىلسۇن.

 

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام: ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراش ئېرى ۋە باشقا مەھرەم تۇغقانلىرىدىن باشقا بارلىق يات ئەرلەرگە نىسبەتەن ئوخشاش دېگەن گەپ. قېرىنداشلىرىڭىزغا نىسبەتەن ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراشنى تۇتۇپ، ياتلارغا نىسبەتەن ئەۋرەت دېگەن قاراشنى تۇتسىڭىز بولاۋېرىدۇ. ياكى بۇنى مۇنداق دېسىڭىزمۇ بولىدۇ: ئادەتتە يۈز ئەۋرەت ئەمەس دېگەن قاراشنى تۇتتۇم، ئەمما ياتلارغا يۆگەش ئەۋزەل دەپ قارىدىم. چۈنكى ئەۋزەللىك بىلەن جائىزلىق تاقاشمايدۇ. تۇغقانلار ئوتتۇرىدىكى سىلە-رەھىم ۋاجىب، يۈزنى يۆگەشنىڭ ۋاجىبلىقىدا ئالىملار ئوتتۇرىدا كۆز قاراش ئوخشاش ئەمەس. شۇڭا ئېنىق ۋاجىبنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.

 

ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر

 
  تەۋسىيە ئېلان

  سۈرەتلىك خەۋەرلەر

  بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

  ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى

  قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟؟؟؟؟

  ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

  كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

  چۈش توغرىسىدا

  نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

  مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

   دوستانە ئۇلىنىش
ئاستى
 
 

ئالاقىلىشىڭ | pakdin isalm tori asar lar sahipisi ( 新ICP备12003085号-2) |