باش بەت قىلىڭ  |  ساقلىۋېلىڭ

باش بەت

تۈر بېتى

نىكاھ ۋە تۇرمۇش

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

خەۋەر يوللىغۇچى: ヤひyGんuR~↘BaLisI╭ خەۋەر كۆرۈلىشى: 2472 يوللانغان ۋاقتى: 2013-3-2

 

يولدىشىم ئۆز دىنىغا پەرۋا قىلمايدۇ، ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ، بەلكى ئۇ مېنى بارلىق ياخشى ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ، ھەتتا ئۇ، مەندىن شۈبھىلىنىپ، ئۆيدە مېنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمنى كۈزىتىش ئۈچۈن خىزمىتىنى تاشلاپ ئۆيدە قالىدۇ، مەن نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇ ھەقتە يول كۆرسىتىشىڭلارنى سورايمەن.

 

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. 

بۇنداق ئەر بىلەن بىرگە ياشاش توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ، نامازنى تەرك قىلىش بىلەن كاپىر بولدى، مۇسۇلمان ئايالنىڭ  كاپىر ئەر بىرگە تۇرۇشى توغرا بولمايدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كىرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿فَإِنْ عَلِمْتُمُوهُنَّ مُؤْمِنَاتٍ فَلَا تَرْجِعُوهُنَّ إِلَى الْكُفَّارِ  لَا هُنَّ حِلٌّ لَّهُمْ وَلَا هُمْ يَحِلُّونَ لَهُنَّ﴾ تەرجىمىسى: «ئەگەر ئۇلارنى (سىنىغاندىن كېيىن ھەقىقىي) مۆمىنە دەپ تونۇساڭلار، ئۇلارنى كاپىرلارغا قايتۇرۇپ بەرمەڭلار، ئۇلار كاپىرلارغا ھالال ئەمەس، كاپىرلارمۇ ئۇلارغا ھالال ئەمەس.» [سۈرە مۇمتەھىنە 10-ئايەت].

      يولدىشىڭىزنىڭ نامازنى ئىنكار قىلىشى سەۋەبلىك، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا نىكاھ يوق. يولدىشىڭىز ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇيەسسەر بولۇپ، تەۋبە قىلىپ، ئىسلامغا دىنىغا قايتسا، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدىكى نورمال ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەت داۋاملىشىدۇ. يولدىشىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرى توغرا بولماپتۇ، مېنىڭ قارىشىمچە يولدىشىڭىزدىكى بۇ نورمالسىزلىق كېسەللىك بولۇپ، يەنى بەزى كىشىلەردە ئىبادەت، مۇئامىلە قاتارلىق  ئىشلاردا شۈبھىلىنىش-ۋەسۋەسە قىلغىنىغا ئوخشاشتۇر. بۇ كېسەللىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىن-بىر يولى ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىش، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىش، بارلىق ئىشلاردا ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۈل قىلىش بىلەن بولىدۇ، مۇھىم بولغىنى، يولدىشىڭىز كاپىر، سىز مۇسۇلمان، شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئۇ ئەردىن ئايرىلىشىڭىز زۆرۈر، يولدىشىڭىزغا قىلىدىغان نەسىھىتىم، ئۇ ئۆز دىنىغا قايتىپ، شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھ تائالاغا سىغىنىپ، قەلبىدىن بۇنداق ۋەسۋەسىلەرنى قوغلاشقا ياردىمى بولىدىغان زىكىر-تەسبىھلەرنى كۆپ ئوقۇشى لازىم. ئاللاھ ئۇنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن. توغرىنى ئاللاھ بىلگۈچىدۇر. 


 

شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىين پەتىۋالىرى، دەۋەت ژۇرنىلى 1709-سان، 34-بەت.


مەنبە: ئىسلام سۇئال جاۋاپ تور بېكىتى

ئۇستۇدىكى مەزمۇنلاردا خاتالىق بولسا مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىنى سورايمىز شۇ ۋاقىتتىلا ئۇچۇرۇلۇدۇ ، ئىنسان خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس اللە ئەڭ ياخشى بىلگۇچىدۇر

 
  تەۋسىيە ئېلان

  سۈرەتلىك خەۋەرلەر

  بۈگۈن كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

  ئىسلامى كىشى ئىسىملىرى

  قىز-خانىملارنىڭ قىزلىق پەردىسىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشىنىڭ ھۆكمى

  ﻗﯩﺰﻻﺭ ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ؟؟؟؟؟

  ئېرىمنىڭ ھوجىرىسىدىكى ئىڭرىغان ئاۋاز

  ناماز ئوقۇمايدىغان ئەر بىلەن بىرگە ياشاشنىڭ ھۆكمى

  كۆپ ئاياللىق بولۇشنى ئىنكار قىلغۇچىنىڭ ھۆكۈمى

  جۈمە كۈننىڭ پەزىلەتلرى

  چۈش توغرىسىدا

  نىكاھىغا ئالغىلى بولمايدىغان ئاياللار

  مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى

   دوستانە ئۇلىنىش
ئاستى
 
 

ئالاقىلىشىڭ | pakdin isalm tori asar lar sahipisi ( 新ICP备12003085号-2) |